تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈش «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ»نى بارلىققا كەلتۈردى

بۈگۈر:

ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈش «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ»نى بارلىققا كەلتۈردى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ خۇيجياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى جيەنپو

«بىز ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈشتىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر. ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق.» 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ سوخۇ يېزىسى ئاقتىكەن كەنتىدىكى 45 ياشلىق كەنت ئاھالىسى مەخمۇت مامۇت كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى تىلغا ئالغاندا، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

ئاقتىكەن كەنتى بۈگۈر ناھىيە بازىرىدىن 14 كىلومېتىر جەنۇبتا بولۇپ، ئىلگىرىكى بۇ چۆل - جەزىرە بۈگۈنكى كۈندە ئېكولوگىيەلىك كۆچمەنلەر يېڭى كەنتى بولۇپ قالدى. تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىككى قىرغاقنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەسى ئارام ئېلىپ ئەسلىگە كەلدى، باشقا جايغا كۆچۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان كەنت ئاھالىلىرى يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيە ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىگە ئورنىدى، ھەرىكىتىدە ئىپادىلەندى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلاندى

«ئىلگىرى، ھەر كۈنى ئۈچ سائەت توك بېرىلەتتى، ئادەم، چارۋىلار ئۆستەڭ سۈيىنى تەڭ ئىچەتتى، ئات ھارۋىسىدا ناھىيە بازىرىغا ئىككى كۈندە باراتتۇق، قويغا ئۇن تېگىشىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق.» مەخمۇتنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، كۆچۈشتىن ئىلگىرى، كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتىكەن، ئۆستەڭ سۈيى ئىچەتتىكەن. 2002 - يىلى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان بۈگۈر ناھىيەسىدە ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى قوزغىتىلىپ، ئەسلىدىكى سوخۇ يېزىسىنىڭ تۆت كەنتىدىكى 552 ئائىلىدىكى 2549 ئادەم باشقا جايغا كۆچۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، تېرىلغۇدىن قايتۇرۇلغان 10 مىڭ 200 مو يەرنىڭ ھەممىسىگە ئېكولوگىيە ئورمىنى تىكىلىپتۇ.

«ھازىر ئوخشىمايدۇ، دۆلەت ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ سالغان ئەمىن ئۆيلەر ئازادە، يورۇق، كۆپچىلىكنىڭ يەيدىغان، ئىچىدىغان ۋە كىيىدىغانلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى. بازار ئايلىنىش، كېسەل كۆرسىتىش، بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قولايلىق.» بۈگۈنكى كۈندە، مەخمۇت ئائىلىسىدىكى 20 مو يەرنىڭ ھەممىسىنى ئوبوروت قىلىۋەتتى، خوتۇنى كەنتتە بىر تاللا بازىرى ئاچتى، بۇلتۇر ئائىلىسىنىڭ كىرىمى 150 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

مەخمۇت ئائىلىسىگە ئوخشاش، ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈشتىن كېيىن سوخۇ يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، پۈتۈن يېزىدا ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 235 ئائىلىدىكى 662 ئادەم بار ئىدى، 2017 - يىلى، پۈتۈن يېزىدىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. 2019 - يىلى، پۈتۈن يېزىدىكى دېھقان - چارۋىچىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 13 مىڭ 568 يۈەنگە يەتتى.

يېزىدا داشۆسىڭ بارغانسېرى كۆپەيدى

ئاقتىكەن كەنتىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەيدانى ئالدىدىكى بىر قاتار رەتلىك دۇكانلار كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلاتتى، پوچتىخانا، دۇكان، ئاشخانا، رېمونتخانا... ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردىن سېتىۋالغىلى بولاتتى.

بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى باھارگۈل سابۇر بۇ يەردە بىر دۇكان ئاچتى. دۇكاندا باھارگۈلنىڭ قىزى سانىيە ئابلىمىت مال تولۇقلاشقا ياردەملىشىۋاتاتتى. سانىيە جۇڭگو نېفىت داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، بۇ، باھارگۈلنى ئەڭ پەخىرلەندۈرىدىغان ۋە خۇشال قىلىدىغان ئىش ئىدى.

«بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بالىلار ئەلا سۈپەتلىك مائارىپنى قوبۇل قىلسا، تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى بولىدۇ.» باھارگۈل مۇنداق دېدى: ئىلگىرى توغراقلىقتا ئاسفالت يول يوق ئىدى، قاتناش قولايسىز بولغاچقا، نۇرغۇن بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە يېزىدىن چىقىپ باقمىغانىدى، ھەتتا بەزى كىشىلەر بىر ئۆمۈر يېزىدىن چىقىپ باقمىغانىدى.

«مەن ئۆگەنگەن بىلىملىرىم ئارقىلىق يۇرتۇمنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن.» سانىيەنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ كەنتتىكى بالىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىۋېتىپتۇ.

نۆۋەتتە، سوخۇ يېزىسىدا جەمئىي 19 داشۆسىڭ بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكىرى رايونلاردىكى داشۆدە ئوقۇۋاتقانلاردىن ئالتىسى بار.

ياۋايى ھايۋانلار «كوللېكتىپ قايتىپ كەلدى»

«ئۇ يەر مەڭگۈ بىزنىڭ ئائىلىمىز، بىز ئۇ يەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!» سوخۇ يېزىسى ئاققۇم كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەت ھاشىم مۇنداق دېدى: گەرچە ئەسلىدىكى سوخۇ يېزىسىدىن كۆچۈپ كەتكەن بولساقمۇ، ئەمما يېزا ھەر يىلى كادىرلار، ئاممىدىن تەركىب تاپقان پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ساياھەت ئاۋات پەسلىدە «يۇرت»ىغا قايتىپ، باشقۇرۇش - قوغداش پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ مۇھىتنى ئاسرىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

«مۇشۇ يىللاردا، بىز ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى راۋانلاشتۇرۇش، توسما ياساش قاتارلىقلار ئارقىلىق توغراقلىققا ئېكولوگىيەلىك سۇ باشلاپ سۇغىرىشنى يولغا قويۇپ، توغراقلىقنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈردۇق، ئېكولوگىيەنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق» دېدى بۈگۈر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى فەن ۋېيمىن.

بۈگۈر ناھىيەسى تارىم دەرياسى ئېقىن رايونى(بۈگۈر بۆلىكى)دىكى قىسمەن توغراقلىقنىڭ چېكىنىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش ئۈچۈن، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى توغراقلىقنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. 2019 - يىلى جەمئىي 150 مىڭ مو يەرنى كەلكۈن سۈيى باشلاپ سۇغاردى، 13 ئۆستەڭنى ياسىدى، راۋانلاشتۇردى، يېڭىدىن ياسالغان ۋە لاي - لاتقىلار تازىلىنىپ كەلكۈن سۈيى باشلانغان ئۆستەڭ 51.37 كىلومېتىرغا يەتتى، ئومۇمىي سۇغىرىش كۆلىمى 300 مىڭ موغا يەتتى.

«ئىلگىرى بۇ يەردىن ئايرىلغان ياۋايى ھايۋانلار ھازىر قايتىپ كەلدى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرمۇ بارغانسېرى بولۇق ئۆسۈۋاتىدۇ» دېدى سوخۇ يېزىلىق توغراقلىقنى باشقۇرۇش - قوغداش پونكىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى بەختىيار ئەمەر.

كۆپ يىللىق تۈزەش ئارقىلىق سوخۇ يېزىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۈنسېرى ياخشىلاندى، كۆل، سۇلۇق يەر، دەريا - جىلغىلار گىرەلەشتى، توغراق بىلەن يۇلغۇن تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا تارقالدى، ئاق قوتان، سېرىق ئۆردەك، قارا لەيلەك، جەرەن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ئورمانلىق، كۆللەر ئارىسىدا پەيدا بولدى، ئېكولوگىيەلىك توسۇقنىڭ رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى