تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ئوت يۈرەك جىنايى ئىشلار ساقچىسى ياڭ ۋېنفېڭ: ھاياتى بەدىلىگە قەسىمىنى شەرھلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى خاربىن تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر لياڭ شۇبىن) «ساقچى بولغان ئىكەنمىز، خەتەردىن قورقماسلىقىمىز، ئىش بولسا ئالدىدا مېڭىشىمىز كېرەك!» دەيتتى جىنايى ئىشلار ساقچىسى ياڭ ۋېنفېڭ ھايات ۋاقتىدا.

ياڭ ۋېنفېڭ 1968 - يىلى تۇغۇلغان، ھايات ۋاقتىدا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چىچىخار شەھىرى لۇڭشا جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسىنىڭ بىر جىنايى ئىشلار ساقچىسى ئىدى. ساقچى بولغان 15 يىلدا، شەرەپ بىلەن بىر قېتىم 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، تۆت قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، كۆپ قېتىم تەقدىرلەنگەن.

2015 - يىلى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، لۇڭشا جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى ۋاڭ XXنىڭ 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساقچىلار بۇنىڭ بىر قەبىھ قاتىللىق دېلوسى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى ئىككى جىنايەت گۇماندارىنىڭ مەلۇم ئولتۇراق رايوندىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا بېرىپ دېلوغا چېتىشلىق پىكاپنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلگەن. سائەت 20 ئەتراپىدا، ئىككى جىنايەت گۇماندارى بىر ميەنباۋچېنى ھەيدەپ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جاڭ XX ميەنباۋچېدىن چۈشۈپ دېلوغا چېتىشلىق پىكاپنى ھەيدەپ كەتمەكچى بولغاندا، پىستىرما قۇرغان خەلق ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

ياڭ ۋېنفېڭ باشقا ئۈچ نەپەر خەلق ساقچىسى بىلەن يەنە بىر جىنايەت گۇماندارى گاۋ XX ھەيدىگەن ميەنباۋچېنى قورشىۋالغان. ياڭ ۋېنفېڭ شوپۇر ئولتۇرغان تەرەپكە ئېتىلىپ بېرىپ، گاۋ XXنى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈشكە بۇيرۇق قىلغان، گاۋ XX تۇيۇقسىز ئوق چىقارغان. «قورالى باركەن!» ياڭ ۋېنفېڭ سەپداشلىرىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، قارا نىيەت ئاتقان ئوق بېشىغا تېگىپ يەرگە يىقىلغان. جىنايەت گۇماندارى گاۋ XX نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ياڭ ۋېنفېڭ يارىلانغاندىن كېيىن دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئاخىرىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، بەختكە قارشى قۇربان بولغان. ئارانلا 47 ياشقا كىرگەن بۇ جىنايى ئىشلار ساقچىسى ھاياتى بەدىلىگە قەسىمىنى شەرھلىدى.

ياڭ ۋېنفېڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىكتە بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى.

ساقچى بولۇشتىن ئىلگىرى، ياڭ ۋېنفېڭ ئامانلىق ساقلاش شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقاندا، بىر باسقۇنچىلىق جىنايەت گۇماندارىنى ئۇچرىتىپ قالغان. ئۆزىدىن خېلىلا ئېگىز بولغان، قولىغا پىچاق ئالغان قارا نىيەت ئالدىدا، ياڭ ۋېنفېڭ ئۇنىڭ بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئۇنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ساقچى تەرەپ بۇنىڭغا ئاساسەن 20دىن ئارتۇق بۇلاڭچىلىق، باسقۇنچىلىق دېلوسىنى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلغان. ياڭ ۋېنفېڭغا شۇ مۇناسىۋەت بىلەن «باتۇر شەھەر ئاھالىسى ئۈلگىسى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن. 2000 - يىلى 5 - ئايدا، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئىش ئىزلىرى گەۋدىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ خەلق ساقچىسىلىققا قوبۇل قىلىنغان.

ياڭ ۋېنفېڭ ساقچىلىق كەسپىنى قىزغىن سۆيەتتى، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان جىنايەت ۋاسىتىلىرى ئالدىدا، ئۇ بىريۈرۈش ئۈنۈملۈك سوراق قىلىش ئۇسۇلىنى يەكۈنلەپ چىققان. بىر قېتىم، ساقچى تەرەپ قانۇنسىز زەھەر ساقلىغان، زەھەر چەككەن جىنايەت گۇماندارى شۈ Xنى قولغا ئالغاندا، شۈ X ئېغىز ئاچماي تۇرۇۋالغان. ئۇنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكى، ئائىلە مۇھىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ياڭ ۋېنفېڭ قاراتمىلىقى بولغان سوراق قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئۇنىڭ پىسخىك مۇداپىئە سېپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلغان ھەم مۇشۇ يىپ ئۇچى بويىچە سەپداشلىرى بىلەن ئىز قوغلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرگەن دېلونى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، چىچىخار شەھىرىدىكى تۇنجى كىرىستال زەھەر پىششىقلاش زاۋۇتىنى تارمار قىلغان.

ياڭ ۋېنفېڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن، ھەر يىلىدىكى چىڭمىڭ كۈنىدە ياكى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، سەپداشلىرى كېلىشىۋالغاندەكلا ئۇنىڭ قەبرىسىگە كېلىپ، ئۇنىڭ قەبرە تېشىنى سۈرتۈپ، بىر دەستە گۈل تەقدىم قىلىپ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى