7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرى تاغلاق كەنتىدىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىنى تاماشا قىلماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ خۇڭۋېن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈردى، «ئالەم بوشلۇقى بۆلمىسى» ئۆيى، رەڭگارەڭ سىيرىلما يول، ئايلانما سىيرىلما شوتا، ئەينەك ئاسما يول، ۋاڭخۇڭ بولغان كۆۋرۈك، لەيلىمە ئېقىمنى ھېس قىلىش ۋە پىلانېر قاتارلىق قونالغۇ، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈللۈك ئوينىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.