ياشىن تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ شياۋجۈەن فوتوسى، خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەردە، سىم-سىم يامغۇردىن كېيىن، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرىنىڭ ھاۋاسى ساپلاشتى، جياڭجۈن تېغىنىڭ ئەگرى-بۈگرى تاغ يولىنى بويلاپ يۇقىرىغا قاراپ ماڭغاندا، يول بويىدىكى ھەر خىل رەڭلىك تاغ گۈللىرى يامغۇر سۈيىنىڭ نەملىكىدە بەس-بەستە ئېچىلغان ئىدى، تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ نەزەر سالغاندا، قاتمۇقات تاغلار ئالتاي شەھىرىنى ئوراپ تۇراتتى، تۆت ئەتراپى بۇلۇت بىلەن قاپلانغان بولۇپ، كىچىك شەھەر خۇددى ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا تېخى ئويغانمىغان بالىغا ئوخشاش خاتىرجەم ھەم بەختلىك كۆرۈنەتتى.