تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ساۋەن ناھىيەسى: بۇلۇتلار ئارىسىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانى لۇجياۋۋەن قولتۇقىدا داكا قىلىش

  ياشىن تورى خەۋىرى: لۇجياۋۋەن مەنزىرە رايونى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 70 كىلومېتىر كېلىدىغان تىيانشان ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 19 مىڭ گېكتاردىن ئاشىدۇ، بۇ جاي تىيانشاننىڭ شىمالىي باغرىدىكى داڭلىق ئوتلاقلارنىڭ بىرى. بۇ يەردە قارلىق چوققا مۇزلۇقى، ئېگىز تاغدىكى يالىڭاچ تاغ جىنىسلىرى، قارىغاي ئورمانلىقى ۋە ئېگىز تاغ يايلىقى قاتارلىق تۆت تەبىئىي مەنزىرە بەلبېغى بار. لۇجياۋۋەن قولتۇقىدا داكا قىلسىڭىز، بۇ يەردە تومۇز ئايلىرىدىكى يايلاقنىڭ جىمجىتلىقى ۋە گۈزەللىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايسىز.

100 چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى لۇجياۋۋەن قولتۇقى.

ياز ئايلىرىدا، ھەممە يەر جانلىنىپ ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.

بۇلۇتلار ئارىسىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانى.

ياۋا گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ تاغ باغرىنى قاپلىدى.

قارلىق تاغ جىمجىتلىق قوينىدا لۇجياۋۋەن قولتۇقىنى مۇھاپىزەت قىلماقتا.

يېشىل يايلاققا ھۆسن قوشۇپ تۇرغان ئاپئاق كىگىز ئۆيلەر.

  ئاپتورى: ساۋەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدە

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى