تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

پىچان ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارغا ياردەملىشىپ قارا ئالقات ئۈزۈپ سېتىشىپ بەردى

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى گاۋ گوخۇاغا ياردەملىشىپ قارا ئالقاتنى ئاپتاپقا سالماقتا.

تىيانشان تورى(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ما لىڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ پىچان ناھىيەسى دۇڭبازار خۇيزۇ مىللىي يېزىسى خوۋلياڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 30دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى تەشكىللەپ، شۇ كەنتتىكى ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسى گاۋ خۇاگونىڭ قارا ئالقات تېرىشىغا ياردەم بەردى.

گاۋخۇاگو خۇبېيلىق، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى خوۋلياڭ كەنتىدە بىر مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، قارا ئالقات تېرىپ، خېلى ياخشى پايدا ئالغان ئىدى. بۇ يىل يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، ئىشلەپچىقىرىشتا بەزى قىيىنچىلىقلار كۆرۈلدى. بۇ يىل ئەتىيازدا، قارا ئالقات بىخ چىقىرىپ، ئوغۇتلاشقا، سۇغىرىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى. ئەمما گاۋ خۇاگو خۇبېيدا بولغاچقا شىنجاڭغا قايتالمىدى، ھۆددىگە ئالغان قارا ئالقاتنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، ئۇ يۇرتىدا تىت-تىت بولۇپ كەتتى. بۇ ئەھۋالدا خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، ئۇ تاكى پىچان ناھىيەسىگە قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا قارا ئالقاتنى ياخشى باشقۇرۇپ بەردى.

7-ئايدا قارا ئالقات پىشىپ، ئۈزۈش، پىششىقلاپ ئىشلەش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، لېكىن ياللانما ئىشچى كەمچىل بولدى. خىزمەت ئەترىتى يەنە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى ۋە شۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى كەنتتىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، گاۋ خۇاگونىڭ ئۈزۈش، ئاپتاپقا سېلىش، قۇرۇتۇش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. گاۋخۇاگونىڭ قارا ئالقات سېتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنتتىكى ھەر قايسى كۈچلەرنى Q Q، ۋېيشىن سۇپىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تەشۋىقاتنى كېڭەيتىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. ھازىرغا قەدەر، خىزمەت ئەترىتى گاۋخۇاگونىڭ ئىككى توننا قارا ئالقات ئۈزۈشۈپ، پىششىقلاپ ئىشلىشىگە ياردەم بەردى.

(تۇرپان يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى