تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋەن لىخۇڭ، ليۇ ياڭ، جاڭ شىنيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى چىخۇ يېزىسىدا 6-نۆۋەتلىك قىچا چېچىكى ساياھەت بايرىمى باشلاندى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئامما گۈزەل يىكېشۇ مەنزىرە رايونىدا جەم بولۇپ، ئالتۇن رەڭلىك چېچەك دېڭىزىنى تاماشا قىلدى.
ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى دۇ فېڭمېي مۇنداق دېدى: «بىز سەككىز ئاچا-سىڭىل ھەپتە ئاخىرىدىكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلدۇق، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى بەك ياخشىكەن، قىچا چېچىكى بەك گۈزەلكەن، بىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئوينىدۇق».
شۇ كۈنى، جياڭشەن رۇخۇا ساياھەت كوپىراتىپى، كاڭخۇي ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىق سەككىز ساياھەت كوپىراتىپى 1200دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى باشلاپ، گۇچۇڭ ناھىيەسى چىخۇ يېزىسىدىكى يىكېشۇ مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، قىچا چېچىكى دېڭىزىنى سەيلە قىلدى. ئۈرۈمچى شۆليەنخۇا خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ دىرېكتورى شياۋ بىڭ مۇنداق دېدى: «چىخۇ يېزىسىدا مۇشۇنداق چىرايلىق قىچا چېچىكى بار، بىز ساياھەتچىلەرنى قىچا چېچىكىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشقا ئەكەلدۇق، ساياھەتچىلەر بۇ يەرنى بەكلا ياقتۇردى، ھەممىسى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئوينىدى».
بۇلتۇردىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسى چىخۇ يېزىسى 7 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، يىكېشۇ مەنزىرە رايونىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، يىكېشۇ مەنزىرە رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ياخشىلىدى، مەنزىرە رايونىنىڭ مۇلازىمەت ۋە كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.
گۇچۇڭ ناھىيەسى چىخۇ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن لېي مۇنداق دېدى: «چىخۇ يېزىسى يىكېشۇ 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بولۇپمۇ، پۇقراۋى قونالغۇ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى يىكېشۇ مەنزىرە رايونىنى مەلۇم دەرىجىدە داڭقى بار مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇردى».