تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو تىيانشان رايونى گۇيۈەنشاڭ مەھەللىسىدىكى شياۋشياۋ ئۆسمۈرلەر سارىيىغا كېلىپ، مەھەللىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

تىيانشان رايونىنىڭ سەنشەن مەھەللىسى ۋە گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، چېن چۈەنگو بىر بېكەت شەكلىدىكى مۇلازىمەت زالى، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى، شياۋشياۋ ئۆسمۈرلەر سارىيىغا كىرىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، مەھەللىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى كەلگۈسى پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەھەللە ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسى ۋە تەشكىلىيلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو TS226 خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىغا كىرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ساقچى پونكىتىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلققە قولاي ساقچى پونكىتى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەلقنى كۆزلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر پىلانلاش سارىيىدا، چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى پىلانى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يىرىك پىلان يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىقتىدارى، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، رايون خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەھەر «گېن»ىنى ساقلاپ قېلىپ، شەھەرنى ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل يۇرت - ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

چېن چۈەنگو يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خىزمەت تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، قولاي، ئەلا سۈپەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇرنى كۆپرەك يوللاپ، ئاممىنى ئاز قاترىتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق سورۇن، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەلىرىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى تەمىنات يارىتىپ، يېڭى ئېھتىياجنى قوزغىتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى تۆۋەنگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا كۆپرەك رىشتە باغلاشقا، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەشكە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئاممىنى تەشكىللەش، ئۇيۇشتۇرۇشقا كۆپرەك كۈچ چىقىرىشقا كۈچەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ئىشلارنى سىجىل ياخشى بېجىرىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوزغىتىش كېرەك. ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.