تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ياشلارنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئاساسىي قاتلامغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا سەپەرۋەر قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى سىن يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ياشلارنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئاساسىي قاتلامغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا سەپەرۋەر قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى سىن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت ياشلار، بولۇپمۇ كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتچان، تۆھپە قوشىدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن بولۇپ چىقىشقا سەپەرۋەر قىلدى، رىغبەتلەندۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر تونۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن باش شۇجىنىڭ قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇجەسسەملىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ياشلار، بولۇپمۇ كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار غايىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىگە بولغان ئەقىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا بولغان ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى پۇختىلاپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلىشى كېرەك. تىرىشىپ ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇش، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشتەك ئېسىل پەزىلەتنى تىرىشىپ تاۋلاپ، پۇختا قەدەم ئېلىش، ئەمەلىيەتچىل ۋە سەمىمىي بولۇشتەك ئىلگىرىلەش روھىنى يېتىلدۈرۈپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتىنى تاۋلاپ، راستچىللىق بىلەن ئىلىم ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىي چېنىقىش جەريانىدا ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جەريانىدا قالتىس كىشىلىك ھاياتنى يارىتىشى كېرەك. ئۈلگىدىن كۈچ قوبۇل قىلىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئاساسىي قاتلامغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، تىرىشىپ چېگرا رايوننى قىزغىن سۆيىدىغان، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرىدىغان، چېگرا رايوننى مۇھاپىزەت قىلىدىغان، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى باش ئورۇنغا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش كاپالىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، كۈچلۈك خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشى، خاتىرجەم خىزمەت قىلىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشى ئۈچۈن سۇپا قۇرۇپ بېرىشى، شارائىت يارىتىپ بېرىشى، كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان ئىلگىرىكى يىللاردا ئوقۇش پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ھەمدە قەشقەر داشۆسىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاۋ چىڭ، ياڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى