تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 95 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 95 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا خەلقئارا يول يۈك تىرانسپورتىدا پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇپ توشۇشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان زاپاس قونۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلقئارا يول يۈك تىرانسپورتىدا پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇپ توشۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاپتونوم رايوندا قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھۆكۈمەت يېتەكلەش، كارخانا يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت ۋە مەبلەغ نۇقتىسىدىن خەلقئارا يول يۈك تىرانسپورتىدا پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇپ توشۇش ئەندىزىسىگە ئىلھام بېرىپ، مەدەت بېرىپ، خەلقئارا يول يۈك تىرانسپورتىدا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇپ توشۇش، كونتېينېرنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئەندىزە ماسلاشتۇرۇلغان خەلقئارا يول يۈك تىرانسپورتىدا يۈك توشۇش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتوموبىللارنىڭ تىرانسپورت ئۈنۈمى ۋە يۈك توشۇش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇپ يۈك توشۇش مەشغۇلات مەيدانلىرى يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇپ يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدە يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە ئالاقىدار باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى دەل ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ، خەلقئارا پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇپ يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرىنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالاقىدار خەلقئارا يول تىرانسپورت كېلىشىمىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا تىرانسپورت تورىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىپ، تىرانسپورت كۈچى ۋە مال مەنبەسى بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، تۈجۈپىلىشىش، كۆلەملىشىش، تورلىشىش، تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خەلقئارا يول يۈك تىرانسپورتىدا پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇپ توشۇشتىن ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قوزغىتىپ، سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى مىقدارىنىڭ تېز ئېشىشىغا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋىياتسىيە يولى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ زاپاس قونۇش ۋە خەلقئارا پورتلارنىڭ زاپاس قونۇشقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ئايرودۇرۇملار تەمىنلىيەلەيدىغان ئۈنۈملۈك زاپاس قونۇش ئايروپىلان ئورنى يېتىشمەي قالدى. قاتلىمى ئېنىق، ئىقتىدارى بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە نۆۋەتچى ئايروپىلانلار زاپاس قونۇش سىستېمىسى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. «ئاۋىياتسىيە - تۆمۈريول ئۇلاپ توشۇش» قاتارلىق ئەندىزىلەرنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئالاقىدار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئاممىنى تېخىمۇ قولايلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن سەپەرگە چىقىش شەكلى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى