تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باغ - ئورمانچىلىقنىڭ «بىر رايون، ئۈچ بەلباغ» چوڭ ۋەزىيىتى شەكىللەندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن، پىراكتىكانت جياڭ يىياۋ خەۋەر قىلىدۇ: «بۇلتۇر ياڭاق ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزدىكى كوپىراتىپ ئەزالىرى 380 مىڭ يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلدى. بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى دېھقان ئائىلىلىرى 200گە كۆپەيدى، ياڭاق ئۆستۈرۈش مو سانىمۇ نەچچە ھەسسە قاتلىنىپ 5000 موغا يەتتى، تېخىمۇ ياخشى ھوسۇل ئالالالىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى يېزىباغ كەنتىدىكى ئانا تۇپراق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جۈمەنىياز ياسىن تېلېفوندا مۇخبىرلارغا.

خوتەن ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ «بىر رايون، ئۈچ بەلباغ» تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىكى ياڭاقنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئەۋزەل رايونلارنىڭ بىرى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باغ - ئورمانچىلىقتا يېشىللاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئەلالاشتۇرۇش، خاسلاشتۇرۇش، سۈپەتلىك ماركىغا ئايلاندۇرۇش تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ياڭاق، چىلان، بادام، ئۆرۈك، نەشپۈت، ئالما ئۆستۈرۈش كەسپى بۆلىكى، تۇرپان - قومۇل ئويمانلىقىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كەسپى بۆلىكى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدە ئۈزۈم، ئالقات، كىچىك شىرنىلىك مېۋە، پەسىللىك مېۋە - چېۋە، ئەسلىھەلىك باغ - ئورمانچىلىق كەسپى بۆلىكى قۇرۇپ، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى باغ - ئورمانچىلىق كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ۋە تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلدى.

ياڭاق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ خاسلىققا ئىگە ئەنئەنىۋى باغ - ئورمانچىلىق دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش دەرىجىسى يۇقىرى، سۈپىتى ئەلا. 2019 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ياڭاقلىق كۆلىمى 5 مىليون 837 مىڭ مو، مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 12 مىڭ 900 توننا بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باغ - ئورمانچىلىق ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى.

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رايونلارغا جايلىشىش يىرىك پىلانى (2020 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» بويىچە، ياڭاق ئۆستۈرۈشتىكى ئەۋزەل رايونلار ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەندىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتىكى 20 ناھىيە، شەھەرگە نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ چىلان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەۋزەل رايون ۋە تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان 18 ناھىيە، شەھەر، رايونغا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ كۆلىمى، مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆرۈك قەشقەر ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىبارەت ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان 11 ناھىيە، شەھەرگە نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ شىنجاڭدىكى ئەڭ ئەۋزەللىككە ئىگە مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈزۈم تۇرپان شەھىرى قاتارلىق يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 11 ناھىيە، شەھەر، رايونغا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 2019 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە باغ - ئورمان كۆلىمى 18 مىليون 561 مىڭ 500 مو، مەھسۇلات مىقدارى 8 مىليون 135 مىڭ 600 توننا بولدى. چىلان، ئۈزۈم، ئۆرۈك كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، ياڭاقلىق كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 6 - ئورۇندا، مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى، نەشپۈت، ئالما، بادام، شىنمېي، ئانار قاتارلىق داڭلىق، ئەلا، خاس، يېڭى سورتلار ئۆزگىچە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىغا تايىنىپ، ئېسىل سۈپىتى ئارقىلىق بازاردا قارشى ئېلىشقا ئېرىشىپ، كۈچلۈك سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى