تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەتئىي ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرەيلى

− ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلدى، مەسئۇلىيەتنامە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يول خەرىتىسى تۈزۈلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قەتئىي ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

قەتئىي ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلاردىن بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئاران ئالتە ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت قالدى، ۋاقىت قىس، ئېغىر ۋەزىپە زىممىمىزدە، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

قەتئىي ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇشنى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى تۇتۇشنى بوشاشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تورىنى تېزدىن قۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئىدىيەدە بوشاڭلىق قىلماسلىق، مېخانىزمنى ئۆزگەرتمەسلىك، خىزمەتتە بەل قويۇۋەتمەسلىكنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەل جايىدا ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىملىقى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ زۆرۈر شەرتى، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى تۇتۇشنى بوشاشتۇرماي، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

قەتئىي ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى رەھبىرىي كادىرلار شۇنچە قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى خىزمەت ئىستىلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئورۇنلاشتۇرۇش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان روھ بىلەن، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، دەل جايىدا تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق، «13 - بەش يىل»نىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى