تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىمىز

− ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يىغىلىش سىگنالىنى ياڭراتتى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قالتىس شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز.

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز

«نەق مەيدان يىغىنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ <رول>ىنى توغرا ئىگىلەپ، <ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى> قوشتى، بىز نەق مەيدان يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە خىزمەتلەرنى چىڭ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات رايونىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى ئېگىزلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بەي سەن.

قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چاڭ سەيشيا مۇنداق بىلدۈردى: «قومۇلنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، بىز ئىدىيەنى نېگىزگە ئايلاندۇرۇپ، سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىنى ئاچقۇچ قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، قومۇلنى شىنجاڭنىڭ ساياھەت - مەدەنىيەت مەركىزى، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز».

شىنجاڭ ياجۇڭ دېيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تاڭ چاۋ مۇنداق دېدى: «نەق مەيدان يىغىنىدا يېزا ئىگىلىكىدە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شىركىتىمىز ھازىر بۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە شىركىتىمىز قۇتۇبى ناھىيەسىدە ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم تېلى يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئۈزۈم ئۇرۇقى ۋە پوستىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، ئۈزۈم ھاراقچىلىقى توپى بىلەن ئۈزۈم ھارىقى مەدەنىيەت - ساياھىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپ يۇغۇرۇلغان كەسىپ ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قۇرماقتا».

مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتىمىز

«بىز نەق مەيدان يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ۋەزىيەتتىن بىر رايوننى پىلانلاش، بىر رايون ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.» بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى گاڭ شۇنداق بىلدۈردى.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بادمارا مۇنداق دېدى: «نەق مەيدان يىغىنى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، بورتالا ئوبلاستى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. بىز ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئون جەھەتتىكى تەلەپنى نىشانلاپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز».

لوپ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم دىلشات قۇربان مۇنداق دېدى: «نەق مەيدان يىغىنى ھەم بىر قېتىملىق كۆزدىن كەچۈرۈش - پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى، ھەم بىر قېتىملىق سەپەرۋەرلىك قىلىش - ئىلھاملاندۇرۇش يىغىنى بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشىمىز ئۈچۈن پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. بىز لوپ ناھىيەسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە يەنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ، <100 مىڭ، 1 مىليون، 10 مىليون، 100 مىليون> دەرىجىلىك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چاچ بۇيۇملىرى كەسپىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، سەرخىللاشتۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئاساس سالىمىز».

«ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

«بىز پۈتۈن شەھەردىكى نۇقتىلىق ۋە ئەۋزەل كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى(شەھەرلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ خۇڭجۈن.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قىلىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشتە كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللاندى، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈن چاڭمەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كېيىنكى باسقۇچتا، بىز بازار ئېھتىياجىغا يېقىنلىشىپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەر - يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز؛ نامرات ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قارىتا ياردەم بېرىش - يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا چىقىش يولى بولۇشى، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

بۇرچىن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم ليۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز نەق مەيدان يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، <ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش> خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، <ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش> ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمىز».

(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، جاۋ چۇنخۇا، جاڭ تىڭ، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ چيەن، بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، بورتالا ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ساۋ يىگۇاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر مىرزا، يې سۈي، لى رۇڭ، خەن ماۋجۈن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى