تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بېيىش «رېتسېپ»ى نامراتلىق يىلتىزىنى يوقاتتى

ئالتاي ۋىلايىتى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى

بېيىش «رېتسېپ»ى نامراتلىق يىلتىزىنى يوقاتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى گې يوۋجۈن، جاۋ چۇنخۇا

6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ساياھەتچىلەر ئالتاي تېغى جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

(مېڭ جاۋپېڭ فوتوسى)

«بىز كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ياخشى <رېتسېپ>ىنى تاپتۇق، ئو بولسىمۇ جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش!» 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، 43 ياشلىق نۇربېك كاكېن خۇشال ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنىڭ بۇ يېرىگە كەتىرا تېرىدۇق، كىرىمىمىز ئىلگىرىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئاشتى».

نۇربېك تۇرۇشلۇق قابا ناھىيەسىنىڭ سارتام يېزىسى كۇرمىش كەنتىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 101 نامرات ئائىلە بار. سارتام يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شېن دېلى مۇنداق تونۇشتۇردى: يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2019 - يىلى شىنجاڭ خۇيچېڭ جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ خۇيچېڭ دورىگەرلىكى دېيىلىدۇ)نى كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنى 3770 مو يەرگە كەتىرا، چۈچۈكبۇيا ۋە ئوسما تېرىشقا تەشكىللىدۇق.

بۇلتۇر خۇيچېڭ دورىگەرلىكى ھەقسىز مايسا ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش بىلەن تەمىنلىدى، نۇربېك 35 مو يەرگە كەتىرانى سىناق قىلىپ تېرىدى. «راستىنى ئېيتسام، كۆڭلۈمدە سان يوق ئىدى، تېرىسام قانداق بولىدىغىنىنى بىلمەيتتىم» دېدى نۇربېك. ھوسۇل ئېلىش پەسلىگە كەلگەندە، كەتىرادىن قىلىنغان مو بېشى ساپ كىرىم 1000 يۈەندىن ئاشتى، بۇ، نۇربېكنى ھەم ھەيران قالدۇردى، ھەم خۇشال قىلدى. بۇ يىل ئۇ ئائىلىسىنىڭ 50 مو يېرىنى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش بازىسىغا بىراقلا ئوبوروت قىلىپ بەردى، ھەر مو يەرنىڭ ئوبوروت ھەققى 500 يۈەن بولۇپ، ئۇ ئۆزى بازىغا كېلىپ ئىشلىدى.

شىركەت+بازا+دېھقان ئائىلىسىدىن ئىبارەت مەنپەئەتكە باغلاش مېخانىزمى ئارقىلىق سارتام يېزىسى بۇ يىل جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش كۆلىمىنى بىراقلا 12 مىڭ موغا كېڭەيتتى. شېن دېلى مۇنداق دېدى: ئۈچ يىلدا پۈتۈن يېزىدا 4000مو جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلۇقى يېتىشتۈرۈش بازىسى، 6000مو مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسى، 50 مىڭ مو تېرىقچىلىق بازىسى قۇرىمىز.

«ئالتاي ۋىلايىتى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىشقا ماس كېلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتى ياخشى، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور.» خۇيچېڭ دورىگەرلىكىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ ۋېنشىن ئىلگىرى نۇرغۇن جايدا دورا ماتېرىيالى تېرىغان بولۇپ، ئۇ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىن ناھايىتى ئۈمىدۋار ئىكەن.

ئالتاي ۋىلايىتى مەملىكىتىمىزدىكى ئالتە چوڭ ئورمان رايونىنىڭ بىرى بولۇپ، شىمالدا ئالتاي تېغى، جەنۇبتا جۇڭغار ئويمانلىقى بار، يەنە ئېرتىش دەرياسى، ئۇلۇڭگۇر دەرياسى، جېمىنەي تېغىدىن ئېقىپ چۈشكەن ئېقىن بار، كۆپ مەنبەلىك يەر شەكلى كۆپ خىل ئۆسۈملۈك تۈرى توپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ يەر مۇھىم جانلىقلار تۈرى گېن ئامبىرىغا ئايلانغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرى 1755 خىلغا يېتىدىكەن.

6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى ئالتاي تېغى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيىنىڭ 2 - قەۋىتىدە، ئالتاي ۋىلايەتلىك قازاق تېبابىتى دوختۇرخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى ۋاڭ رېن ئۆزىنىڭ «داڭلىق دوختۇر ئىشخانىسى»دا كېسەل كۆرۈۋاتاتتى.

2018 - يىلى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى مۇزېيى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، 71 ياشقا كىرىپ قالغان ۋاڭ رېن خىزمەتداشلىرى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تاغ - دەريالىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتى. ھازىر، كۆلىمى 1700 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ مۇزېيغا 600 پارچىدىن ئارتۇق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكى سۈرىتى، 300دىن ئارتۇق ماددىي بۇيۇم ۋە 100دىن ئارتۇق ئەۋرىشكە قويۇلغان.

«ئالتاي ۋىلايىتى بەئەينى بىر <بەيساۋتاڭ>، بۇ يەردە جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى بەك مول، ئەگەر ھەممىسىدىن تەتقىق قىلىپ دورا ياسالسا، ھەم بىمارلارغا بەخت ياراتقىلى، ھەم دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ» دېدى ۋاڭ رېن.

ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئالتاي ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇڭ كەيجى ۋاڭ رېننىڭ كۆزقارىشىنى ئىنتايىن قۇۋۋەتلىدى. جۇڭ كەيجى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلغىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى تېرىلغۇ كۆلىمى 120 مىڭ موغا كېڭىيىپ، 1000دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە تېرىلغان جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرى ئاساسلىقى چۈچۈكبۇيا، كەتىرا، ئوسما قاتارلىق ئالتە خىل بولۇپ، بۇ جايدا تېرىشقا بەك ماس كېلىدىغان جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرى 30 نەچچە خىلغا يېتىدۇ.

«ئالتاي ۋىلايىتى يوشۇرۇن كۈچلەرنى پائال قېزىپ، ئەۋزەللىكلەرنى زورايتىپ، كۆلەملەشكەن جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى كەسپى شەكىللەندۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ» دېدى جۇڭ كەيجى.

«جۇڭگو غەربىي قىسىم دورا جىلغىسى» بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، ئالتاي ۋىلايىتى 2021 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى تېرىلغۇ كۆلىمىنى 500 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، 4000دىن ئارتۇق تېرىقچىلىق ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى.

مول ھەم ئەلا سۈپەتلىك جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى بايلىقىغا تايىنىپ، بۇ جاي بايلىق ئارقىلىق دورا كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش، پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتتى. نۆۋەتتە، بۇ جاي جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاش ئۈچۈن جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسىدىن بەشنى كىرگۈزدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئالتاينىڭ جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ ياسالغان دورىلار شىنجاڭ ئىچىدىلا سېتىلىپ قالماي، يەنە ئىچكىرى رايونلاردىكى نۇرغۇن دورىخانىلارغا كىردى. بۇ جايدىكى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن ئىلغار پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالتاي جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى خام ماتېرىيال قىلىپ، جۇڭيى دورا مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىماقتا.

«بىز باشلامچى كارخانىلارنى يېتەكچى، بازىنى تىرەك، پەن - تېخنىكىنى ياردەمچى كۈچ قىلىپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى كەسپىنى تىرىشىپ زورايتىمىز، كۈچەيتىمىز» دېدى جۇڭ كەيجى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى