تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يالغان چاچ كەسپى «سۈرئەتنى تېزلىتىپ» ئىلگىرىلىمەكتە

لوپ ناھىيەسى يۇقىرى ئورۇندىن قەدەم ئېلىپ باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزدى

يالغان چاچ كەسپى «سۈرئەتنى تېزلىتىپ» ئىلگىرىلىمەكتە

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىر گۆھەر

24 ياشلىق يىگىت ئابباس مەمەتيۈسۈپ مەشىق قىلىش مودېلىغا چاچ تىكىش دائىرىسىنى سىزغاندىن كېيىن، ئىلمەك يىڭنە بىلەن چاچ تىكىشكە تەييارلاندى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئابلىپىز ئابدۇمىجىت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە فاتياۋ ياساۋاتاتتى، زاۋۇتقا كىرگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇ مەشغۇلاتقا بارغانسېرى پىشقانىدى... 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، مۇخبىرلار لوپ ناھىيەسىدىكى بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسىغا بارغاندا، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا بۇ يەردىكى جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.

لوپ ناھىيەسى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر قىلىپ، يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ قەدەم ئېلىپ باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «سۈرئىتىنى تېزلىتىپ» ئىلگىرىلىدى.

يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى 32 كارخانىنى كىرىپ ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى

7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، لوپ ناھىيەسىدىكى چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسىدا، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكىلەر بىر تۈركۈمدىكى 40 مىڭ يۈرۈشلۈك زاكازنى تاماملاش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن ئىشلەۋاتاتتى. «نۆۋەتتە، توققۇز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى نورمىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، مەھسۇلات مىقدارى %30 ئاشتى» دېدى كەسىپلەر باغچىسى يالغان چاچ ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ دىرېكتورى جۇ خۇەنلىن تونۇشتۇرۇپ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەت ئىچىدىكى نۇرغۇن چاچ بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، ئورۇن تاللاپ زاۋۇت قۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى. لوپ ناھىيەسى رايون ئورنى، قاتناش، بايلىق، بازار، سىياسەت ھەم بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتنى تېز تۇتۇپ، چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، چاچ بۇيۇملىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.

2019 - يىلى پۈتۈپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن لوپ ناھىيەسىنىڭ چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسى يالغان چاچ بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى 32 كارخانا ماكانلاشتى، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 7000غا يەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، كەسىپلەر باغچىسىدا «ناھىيەدە كەسىپلەر باغچە رايونى بولۇش، يېزىدا نامراتلارنى يۆلەش سېخى بولۇش، كەنتتە كەنت قۇرغان زاۋۇت بولۇش، ئائىلىلەردە ھۈنەرخانا بولۇش»تىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك قۇرۇلما شەكىللەندى، ئومۇمىي كەسىپ قۇرۇلمىسى 10مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلالايدۇ.

«يەنە سەككىز كارخانا پات ئارىدا ماكانلىشىدۇ. بىز ئىككى يىل ئىچىدە چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 3 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز» دېدى لوپ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم ۋاڭ چياڭ.

كارخانىدا تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش مەخسۇس خادىمىدىن 100نى ئورۇنلاشتۇردى

«باغچە رايونىغا ماكانلاشقان كارخانىلار رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقىچە، ناھىيەنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى ۋە سەمىمىي مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك چاچ بۇيۇملىرى كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ياڭ گۇاڭخۇي.

تىجارەت - سودا مۇھىتى بىر تەرەپتىن باغچە رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى زىممىسىگە ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن كارخانىنىڭ كەلگۈسىنى زىممىسىگە ئالغان. لوپ ناھىيەسى ماكانلاشقان كارخانىلاردا نۇقتىدا تۇرۇپ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تۇتۇش، سېلىنمىنى كېڭەيتىش، يېشىل يول ئېچىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۇقىرى ئېقىندىكى خام ماتېرىياللارنىڭ توشۇش سەۋەبىدىن ۋاقتىدا يەتكۈزۈلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ خادىملارنىڭ تاماق، ياتاق قاتارلىق بىر قاتار قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، باغچە رايونىغا ماكانلاشقان كارخانىلارغا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئاز، تەرتىپى ئەلا، ئۈنۈمى يۇقىرى، مۇلازىمىتى ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

بۇنىڭدىن باشقا، باغچە رايونىدىكى كارخانىلارغا تېخىمۇ دەل جايىدا سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش، خادىملارنى باشقۇرۇشقا ماسلىشىش ئۈچۈن، لوپ ناھىيەسى يەنە كارخانىدا تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىدىغان مەخسۇس خادىمدىن 100نى ئورۇنلاشتۇردى.

«يالغان چاچ ياساش بىر تۈرلۈك ئىنچىكە ئىش بولغاچقا، زاۋۇتقا كىرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە نۇرغۇن خادىم ئانچە ماسلىشىپ كېتەلمىدى، باغچە رايونى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش، مۇكاپاتلاش - رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى، ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىلگىرىكى ئىشلىگۈسى كەلمەيدىغان، ئىشلەشنى خالىمايدىغان ھالەتتىن ھازىرقى تىرىشىپ ئىشلەيدىغان، تالىشىپ ئىشلەيدىغان ھالەتكە كەلدى، خادىملارنىڭ ماھارىتى ئۆسۈپلا قالماي، غەيرىتىمۇ ئاشتى» دېدى كارخانىدا تۇرۇشلۇق ياردەم بېرىش - يۆلەش كادىرى ئانارگۈل مۇختەر.

«نۆۋەتتە، كەسىپلەر باغچىسى تۇۋتاۋ، فاكۇەي، فاتياۋ قاتارلىق تۆت چوڭ يۈرۈشلۈك 100 نەچچە خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل، بىز كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن سىجىل، دەل جايىدا كۈچەيمىز» دېدى ياڭ گۇاڭخۇي.

دېھقانلار ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇردى

«مەن ھازىر ھەر كۈنى 900دىن ئارتۇق فاتياۋ ياسىيالايمەن، كەلگۈسىدە تۇرمۇشۇمنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئىشەنچىم بار» دېدى كەسىپلەر باغچىسىدىكى ئىشچى ئابلىپىز ئىپتىخارلانغان ھالدا.

«بۇ يەردە ئىشلەپ تېخنىكا ئۆگەندىم، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار بولدى.» مۇتەللىپ ئىمىننىياز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن».

«ھەر ئايلىق مائاشىم 3400 يۈەن، مەن ئەمدى شاگىرت ئەمەس، ئىشلەپچىقىرىش ماھىرىغا ئايلاندىم. ئاكاممۇ باغچە رايونىدىكى كارخانىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولدى، ھەر ئايلىق مائاشى 3500 يۈەن، ئىككىمىز بىرلىكتە تىرىشىپ كۈرەش قىلدۇق، نامراتلىق بىزدىن بارغانسېرى يىراقلاشتى.» 21 ياشلىق ئىشچى ئابدۇلىز روزىتوختىنىڭ سۆزىدىن كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدكە تولغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

لوپ ناھىيەسى چاچ بۇيۇملىرى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت خادىملارنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. «كېيىنكى قەدەمدە، كەسىپلەر باغچىسى كۆلەمنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېدى ياڭ گۇاڭخۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى