تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جاڭ گوچۇن: غايىسى ئۈچۈن ياشىغان «مودېل ئەسكىرى»

جاڭ گوچۇن ئۇرۇش مودېلى سىستېمىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدا دوكلات بەرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ياڭ جۈنگۇاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (ۋاڭ يىتاۋ، لو جىنمۇ) ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەمەلىيىتىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئۇرۇش مودېلى مۇتەخەسسىسى جاڭ گوچۇننىڭ ۋاپات بولغىنىغا تۆت يىلدىن ئاشتى، ھەر يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەر خىل ئۇسۇلدا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.

جاڭ گوچۇن خېيلۇڭجياڭ كېدۇڭدىن، 1969 - يىلى تۇغۇلغان، 1987 - يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شىئەن تېلېگراف ئالاقە قۇرۇلۇش شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، ساۋاقداشلىرىنىڭ سۆز قالدۇرۇش خاتىرىسىگە ئۇ «غايەم ئۈچۈن ياشايمەن» دېگەن دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش قەسىمىنى يېزىپ قالدۇرغان.

1994 - يىلى، جاڭ گوچۇن دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇغان. 1997 - يىلى ماگىستىرلىقنى پۈتكۈزۈپ ئەمدىلا مەكتەپتە قېلىشىغا، بۇيرۇققا بىنائەن مۇھىم سىستېما قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقان.

ئۇزاق ئۆتمەي، جاڭ گوچۇن يەنە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور قۇرۇلۇشىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋەزىپىسىگە ئاتلانغان. ئالتە يىل جەريانىدا، ئۇ ۋە كوللېكتىپ ئەزالىرى سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇشتىن تەتقىق قىلىپ دەلىللەشكىچە، يەنە يىرىك پىلان تۈزۈش، لايىھەلەشكىچە، نەچچە يۈز مىڭ پارچە ماتېرىيالنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن، نەچچە ئون ئورۇننى ئارىلاپ چىققان، ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇلار بارلىققا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر پۈتۈن ئارمىيە رامكىسىدا ئۇرۇش تەقلىدىي مەشىقىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا تىرەك بولغان.

2007 - يىلى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىگە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇرۇش مودېلى سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپىنىڭ يادرولۇق ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ گوچۇن ۋە خىزمەتداشلىرى «ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىپ، دۇنيا دەرىجىلىك مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ نۇرغۇن مۇھىم سىستېمىنى لايىھەلەش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە تەجرىبىخانىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزى يالغۇز نەچچە يۈز پارچە ئىلمىي ماقالىنى تەكشۈرۈش، نەچچە ئون مىڭ پارچە ماتېرىيالنى كۆپەيتىپ بېسىش، تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراش، تەكشۈرۈشنى تاماملىغان. كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ ئىشلەش، شەنبە، يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش كۈنىنى قوشۇپ ئىشلەش ئۇنىڭ نورمال خىزمەت ھالىتىگە ئايلانغان، ھەتتا ئاغرىپ قالغاندىمۇ ئۇ يەنىلا چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ: «تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، دوختۇرخانىدا يېتىشقا ۋاقتىم يوق، بەرداشلىق بېرەلەيمەن!» دېگەن.

2010 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، سىستېما تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى بىلەن، ئون نەچچە ئاكادېمىكنىڭ بىردەك: «كۆپ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يېتىپتۇ» دېگەن باھاسىغا ئېرىشكەن.

«ئۇرۇش مودېلىنى قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئەڭ ئالدىنقى سەپكىچە ئۇزارتىش كېرەك.» جاڭ گوچۇن قەتئىي ئىرادىگە كەلدى. ئۇرۇش مودېلى سىستېمىسى ئەمەلىي قوللىنىلغان قىسىم مانېۋىرلىرىدا، ئۇ ھەر قېتىم ئاساسلىق تايانچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون نەچچە قېتىملىق مۇھىم، زور مانېۋىرغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كاپالەتلىك قىلغان.

«ئۇنىڭ قەلبىدە ئۇرۇش مودېلى ئىشلىرى ھاياتىدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.» بۇ، خىزمەتداشلىرىنىڭ جاڭ گوچۇنگە بولغان ئورتاق تەسىراتى. ئۇنىڭدا بېشى ئاغرىش، كۆزىگە قان تولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر سىجىل كۆرۈلگەندە، كۆپچىلىك ئۇنى دوختۇرخانىغا بېرىشقا قايتا - قايتا سۈيلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش مودېلى ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتكەن جاڭ گوچۇن ھەر قېتىم ئاغرىق توختىتىش دورىسى يەپ، كۆز دورىسى تېمىتىۋېلىپلا بولدى قىلغان.

كېيىن ئۇنىڭغا مېڭە كوللوئىد ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى، دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇپ، جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىشخانىغا كىرىپ - چىقىشى تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتكەن. ئۇ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئېغىر تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ماتېرىياللارنى رەتلىگەن.

2013 - يىلى 9 - ئايدىكى 1 - قېتىملىق ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىپ، ئىشقا بارالىشى ئۈچۈن، ئۇ ھەر كۈنى ماتېماتىكا سوئاللىرىدىن پايدىلىنىپ مېڭە ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرغان، دائىم تاغقا چىققان.

2013 - يىلى 12 - ئايدا، جاڭ گوچۇن 2 - قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان.

2014 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جاڭ گوچۇن ۋاپات بولدى. 2015 - يىلى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى جاڭ گوچۇنگە «دەۋر ئۈلگىسى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئۇنى 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ تولۇقلاپ ئەنگە ئالدى، يەنە مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى تولۇقلاپ بېرىلدى...

ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەمەلىيىتىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان دەۋر ئۈلگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ گوچۇن ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى كۆپ تۈرلۈك مۇھىم، زور ھەربىي مەشىق تەقلىدىي سىستېمىسىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى چوڭ تىپتىكى ئۇرۇش مودېلى مانېۋىر سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي مەشىق ئۇسۇلىغا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى؛ ئارمىيەمىزدىكى ئەڭ ئاۋۋال سىستېما مودېلى قۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ «سىستېمىدا قارشىلىشىش مودېلى قۇرۇش ۋە تەقلىد قىلىش يېتەكچى نەزەرىيەسى» دېگەن ئەسىرى دۆلەت ئىچىدىكى دەسلەپكى مەزگىلدە يېزىلغان بۇ ساھەدىكى مۇھىم مەخسۇس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ كۆپ تۈرلۈك پەن - تېخنىكا چوڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇ ئون نەچچە پارچە جەمئىي 1 مىليون 100 نەچچە مىڭ خەتلىك دوكلات، دەرسلىك ۋە ئەسەرنى تۈزۈپ، يېزىپ چىقتى ۋە نەشر قىلدۇردى...

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى