تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

جىگەرنى ياغ قاپلاشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك

  ئوزۇقلۇق مىقدارىنى تەڭشەش ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق قاندىكى ياغنىڭ مېتابولىزم سەۋىيەسىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئوزۇقلۇق مىقدارى ئېشىپ كېتىش، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېيىش، يۇقىرى ئىسسىقلىقتىكى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلار ئاسانلا بەدەندە ياغ يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قانۇنىيەتلىك ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىش نىسبىتى 3 : 4 :3 بولىدۇ. شۇڭا، ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىنىشى بىلەن ئېنېرگىيە سەرپىيات قانۇنىيىتى ماس قەدەمدە بولۇشى، زىت بولماسلىقى كېرەك.

  ئەتىگەنلىك تاماق، چۈشلۈك تاماقنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، كەچلىك تاماقنى كۆپ يېمەسلىك، تاماق تاللىماسلىق، كېچىدە تاماق يېمەسلىك كېرەك.

 جىگەرنى ياغ قاپلاشنى يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق تەڭشەش پىرىنسىپى:

  ★ يۇقىرى ئاقسىل. ساغلام كىشىلەرنىڭ ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقى 1.0~1.2 گىرام ئاقسىل مىقدارىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، بەك ئاز ياكى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە سالامەتلىككە زىيانلىق.

  ★ مۇۋاپىق مىقداردىكى ئېنېرگىيە. بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 30 كالورىيە ئىسسىقلىق تەمىنلىدۇ؛ ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 20~25 كالورىيە ئەتراپىدا بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  ★ تۆۋەن قەنتلىك يېمەك-ئىچمەك. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن قەنت تۈرىدىكىلەر، مۇراببا، تورت قاتارلىق تەركىبىدە مونوساخارىد يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئىمكانقەدەر بۆلجۈرگەن، گىلاس، نەشپۈت، شياڭگۇا قاتارلىق تۆۋەن قەنتلىك مېۋىلەرنى تاللاپ يىيىش كېرەك. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، جىگىرىنى ياغ قاپلاپ كەتكەنلەر ئالدى بىلەن جۇسەي، لۇسۈن، سامساق قاتارلىق مېۋە قەنتى تۆۋەن پولىمېرلىق يېمەكلىكلىرىنى تاللىسا بولىدىكەن. ئاساسلىق يېمەكلىكلەرگە يەنمەي، قارا بۇغداي، ساپ بۇغداي بولكىسى، شەنياۋ قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق تاللاپ ئىستېمال قىلسا بولىدىكەن.

  ★ ياغنى تىزگىنلەش. ئامال بار تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، مەسىلەن: زەيتۇن يېغى، قىچا يېغى قاتارلىقلارنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى، يىلىك ۋە تۇخۇم سېرىقىنىڭ تەركىبىدە خولېستېرىن مول بولۇپ، ھەر بىر تال تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 250~300 مىللىگرام خولېستېرىن بار، جىگىرىنى ياغ قاپلاپ كەتكەنلەر تۇخۇم سېرىقى مىقدارىنى كونترول قىلىشى كېرەك.

  تەركىبىدە ھەر خىل ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك، لېكىن بىرىكمە ۋىتامىن تابلېتكىسى ئىچىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

   قوشۇمچە يېمەكلىك تالاسى ۋە ھەر خىل مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاش. يېمەكلىك تالاسى سۇدا ئېرىيدىغان ۋە ئېرىمەيدىغان دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، سۇدا ئېرىيدىغان يېمەكلىك تالالىرىدىن ئاساسلىقى كۆممىقوناق، قارا ئاشلىق ۋە شياڭگۇ، خەيدەي، مور ۋە پۇرچاق تۈردىكىلەر قاتارلىقلار بار. سۇدا ئېرىمەيدىغان يېمەكلىك تالاسى ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك يىلتىزى، غولى، يوپۇرمىقى، گۈرۈچ شاكىلى ۋە بۇغداي كېپىكىدە بولىدۇ.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىسپىرتنى كونترول قىلىش جىگەرنى ماي قاپلاشنى تەڭشەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېتەرلىك سۇ ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ تاماق كۆرسەتمىسىدە قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارى 1200 مىللىلېتىر بولۇش تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ، قايناقسۇ، مىنېرال سۇ قاتارلىقلارنى تاللاپ ئىچىش، ئىچىملىك، مېۋە شەربىتى، سۈت قاتارلىقلارنى ئىچىملىك ئورنىدا ئىچمەسلىك كېرەك.

                                                          (شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى