7-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۈشيەن ناھىيەسى جاۋشيەن بازىرى شىخۇاڭبۇ كەنتىدىكى شېڭشى گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى جۇڭ سۈيجۇەن(سولدا) گېربېرا گۈلى ئۆستۈرۈش پارنىكىدا توردا بىۋاسىتە كۆرسەتمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رىجاۋ شەھىرى جۈشيەن ناھىيەسى جاۋشيەن بازىرىنىڭ 20 يىلدىن ئارتۇق ئەتىرگۈل، گېربېرا گۈلى ئۆستۈرۈش تارىخى بار. ھازىر، جاۋشيەن بازىرى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۆزگىچە گۈل ئۆستۈرۈش پارنىكىدا، ئەلا سۈپەتلىك ئەتىرگۈل ۋە گېربېرا گۈلى قاتارلىقلارنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى 7-8 مىليون تالغا يېتىدۇ، بۇ ئەتراپتىكى يېزا-بازارلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.(فەن چاڭگو فوتوسى)