تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

چەرچەن ناھىيەسى: دېھقانچىلىق تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرى «چىلان دوختۇرى» بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز شۆ يۈنشاۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى پېڭيەن): «ھازىر چىلان دەرىخىنىڭ ئۆسۈش ھالقىلىق مەزگىلى، چىلانلىق پەرۋىشىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، چىلانچى دېھقانلار تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك...» يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى توغراقلىق يېزىسى توغراقلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى چىلانلىقتا نەق مەيداندا تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلدى، ئۇلار يەنە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ چىلانلىقىغا بېرىپ، «سوراپ دىئاگنوز قويۇپ»، «رېتسېپ» يېزىپ، «چىلان دوختۇرى» بولدى.

  «زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، دەرھال ئوغۇتلاش، يوپۇرماق ئوغۇتى، يەر ئاستى ئوغۇتىنى تەڭ چېچىش كېرەك. ئوغۇتلىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كىم سۆزلەپ باقىدۇ؟»

    «تەكشى پۈركۈش كېرەك».

    «ئوغۇتلىغاندا، تىراكتورنىڭ سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك».

   ...

  توغراقلىق كەنتىدىكى چىلانچى دېھقان مەخمۇت يۈسۈپنىڭ چىلانلىقىدا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى چىلانلىق ئېتىزلىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر بىلىملەرنى چۈشەندۈرگەچ، يەنە چىلانچى دېھقانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  توغراقلىق كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ جيەندۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتىمىز ياردەم بەرگۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنتتىكى چىلانچى دېھقانلارنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، سۇ، ئوغۇت باشقۇرۇش قاتارلىق چىلانلىقنى پەرۋىش قىلىشتا يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، چىلانچى دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشىغا ياردەم بەردى. يېقىنقى مەزگىل چىلانلىقدىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوغۇتلاشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى بولۇپ، خىزمەت ئەترىتى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى چىلانلىققا تەكلىپ قىلىپ، نەق مەيداندا چىلانچى دېھقانلارنىڭ قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى».

  مەخمۇت مۇنداق دېدى: «سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، ئۇچىنى ئۈزۈش، ئاقارتىپ چاتاش جەھەتتە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى ماڭا قولمۇقول ئۆگەتتى. ئۇلارنىڭ ياردىمىدە، چىلاندىن قىلىدىغان كىرىمىم يىلدىن يىلغا ئاشتى».

  2019-يىلى، توغراقلىق كەنتىنىڭ چىلان مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 2016-يىلىدىكى 169 كىلوگرامدىن 364 كىلوگرامغا يېتىپ، چىلانچى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى