تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ شايار: «باغچە شەھەر» مەنزىرىسى نامايان قىلىنىپ، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىسى ئاشۇرۇلدى

  ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ما چېڭجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ گۈيشېڭ، ۋاڭ يۈتاڭ): شىنجاڭ شايار ناھىيەسى جىنيەنخې 2-قارارلىق باغچىسىغا كىرگەندە، كىشىلەرنىڭ سۇ پەردىسى كىنو-فىلىملىرىدىن ھوزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ياكى دەريا بويىنى سەيلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي «ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» پىرىنسىپى بويىچە «شەھەر ئورمان ئىچىدە بولۇش، سۇ شەھەر ئىچىدە بولۇش، ئادەم باغچە ئىچىدە بولۇش» ئېكولوگىيەلىك شەھەر تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باغچە شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، بۇنىڭدىن ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈچەيدى.

  2017-يىلىدىن باشلاپ، شايار ناھىيەسى يېشىل ئېكولوگىيەلىك شەھەر تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، «غەربكە كېڭەيتىش، جەنۇبقا ئۇزارتىش، شىمالغا ئېتىبار بېرىش، ئوتتۇرىنى تارقاقلاشتۇرۇش، شەرقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جىنيەنخې 2-قارارلىق باغچىسى، تەنتەربىيە باغچىسى، گوچىڭ مەيدانى ۋە كوچىلاردىكى يېشىللىق، سەيلە باغچىسىدىن 42نى قۇردى، يېڭىدىن كۆپەيگەن شەھەر يېشىللىق كۆلىمى 798 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، بۇ، شەھەرنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپلا قالماي، تۇرالغۇ مۇھىتى، ئىستىراھەت بوشلۇقى دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، دەسلەپكى قەدەمدە «100 مېتىردا يېشىللىقنى كۆرۈش، 500 مېتىردا باغچىنى كۆرۈش» شەھەر ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

  «باغچە شەھەر» قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شايار ناھىيەسى ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش، شەھەر قاتنىشى راۋان بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، 18 شەھەر يولىنى يېڭىدىن ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساشنى پىلانلىدى، سەككىز شەھەر يولىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتتى، نۇرغۇن ئۈزۈك يوللارنى تۇتاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن شەھەر رايونىدا ھالقىسىمان يول تورى قۇرۇلمىسى شەكىللەندى. يولنى كېڭەيتىش جەريانىدا، «ئادەم بىلەن ئاپتوموبىلنى ئايرىش، سەپەرگە چىقىش قولايلىق بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، «بىر يولدا بىر دەرەخ، بىر كوچىدا بىر مەنزىرە بولۇش»، «ئەتىيازدا گۈل بولۇش، يازدا يېشىللىق بولۇش، كۈزدە مېۋە بولۇش، قىشتا رەڭدار بولۇش»تىن ئىبارەت يول گۈزەللەشتۈرۈش، كۆكەرتىش، يورۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىگە رەڭدار تۈس قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى