تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، يىن تۇڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): بۈگۈن (7-ئاينىڭ 14-كۈنى) تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا 5 ~ 4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ ھەمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدۇ.
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃29، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃19 بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.
بۈگۈن سەككىز بال ئەتراپىدىكى قىيپاش شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: دۆلەت يولى G30 لىنىيەسى، دۆلەت يولى G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 5 ~ 4 بالغىچە بولغان قىيپاش شەرق شامىلىنىڭ تەسىرىگە ھەمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: دۆلەت يولى G218 لىنىيەسىنىڭ لوپنۇردىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى، دۆلەت يولى G315 لىنىيەسىنىڭ كېرىيەدىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.