تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ليۇ لۇنتاڭ: سۇدەك پاك ئۆتۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋۇخەن تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر ۋاڭ شيەن) بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، «ليۇ لۇنتاڭ روھى» خۇبېي خۇاڭشىدىكى كادىرلار ئارىسىدا جارى قىلدۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ليۇ لۇنتاڭغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى يەنە بىر قېتىم قوزغىدى.

ليۇ لۇنتاڭ 1940 - يىلى 8 - ئايدا تۇغۇلغان، ھايات ۋاقتىدا خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭشى شەھىرى شيالۇ رايونى لاۋگۇەنمياۋ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، 2014 - يىلى 6 - ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.

1989 - يىلى، ليۇ لۇنتاڭ يېزا - بازار كارخانىسى شىركىتىنىڭ دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىپ، نامرات، ئارقىدا قالغان لاۋگۇەنمياۋ كەنتىگە قايتىپ كېلىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

ئەينى چاغدىكى لاۋگۇەنمياۋ كەنتىدە پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئۈچ پۇڭغىمۇ يەتمەيتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى. تەستە قۇرۇلغان كەنتكە قاراشلىق تۇنجى كارخانا لاۋگۇەنمياۋ سېمونت زاۋۇتى تىجارىتى ياخشى بولمىغانلىقتىن تاقىلىپ قالغانىدى. يېزا رەھبەرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ليۇ لۇنتاڭنىڭ قايتىپ كېلىپ، سېمونت زاۋۇتىدىكىلەرنى باشلاپ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

خەۋپ - خەتەر ئالدىدا بۇيرۇققا بىنائەن، ليۇ لۇنتاڭ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىدىن قەرز ئېلىپ، ئىشچىلارنى مەبلەغ توپلاشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئاخىر 35 مىڭ يۈەن يىغىپ، سېمونت زاۋۇتىغا قايتىدىن ئوت يېقىپ ئىش باشلىغان. بىر يىلدىن كېيىن، سېمونت زاۋۇتى 1 مىليون 288 مىڭ يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرىغا 150 مىڭ يۈەن پايدا - باج تاپشۇرغان. ئارقىدىن، ئۇ يەنە كەنتتە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى زاۋۇتى، شېغىل زاۋۇتى، تىرىفوسفور كۈلى زاۋۇتى قاتارلىق كارخانىلارنى قۇرغان. 1991 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، كەنت قەرزنى قايتۇرۇپلا قالماي، يەنە قالدۇق پۇلىمۇ بار بولغان.

2009 - يىلىدىن باشلاپ، خۇاڭشى شەھىرى «بەش كىچىك» كارخانىلارنى ئومۇميۈزلۈك تاقاشنى تەلەپ قىلغان، لاۋگۇەنمياۋ كەنتى ليۇ لۇنتاڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە «بەش كىچىك» كارخانىلارنى تاقاش بىلەن بىللە، بىر تۈركۈم يېڭى كارخانىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزگەن، كەنتنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئاجىزلىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە بارغانسېرى زورىيىپ، «پۈتۈن ئۆلكە بويىچە 500 كۈچلۈك كەنت»كە ئايلانغان. 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، لاۋگۇەنمياۋ كەنتى 230 مىليون يۈەنلىك سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان، يىللىق كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 1 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ تەييارلاپ، يەتتە كىلومېتىر كەنت يولىنى ئۆزگەرتكەن، 1200 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان پارتىيە ئەزالىرى، ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنى قۇرغان... ليۇ لۇنتاڭ ۋەزىپىدە ئولتۇرغان 25 يىلدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۇرتداشلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرگەن، ئۇلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەن، ئۇ قالدۇرغان 20 نەچچە خىزمەت خاتىرىسىدە ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، چوڭ - كىچىك ئىشلىرى خاتىرىلەنگەن.

«سۇدەك پاك بولۇش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» ليۇ لۇنتاڭنىڭ مەنىۋى پەزىلىتى. كەنت ئاھالىلىرى بېيىغان، ئەمما ليۇ لۇنتاڭ ھايات ۋاقتىدا يەنىلا 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا سېلىنغان كونا ئۆيدە ئولتۇرغان، ئىككى ئوغلى ئۇزاق يىل باشقا كەنتتە ئىشلەمچىلىك قىلغان، ئۇ ئەزەلدىن ئۇلارنى كەنتتە ۋەزىپە ئۆتىگىلى قويمىغان، كەنتتىكى كارخانىلاردا ئىشلىگىلىمۇ قويمىغان. ئۇ ئۆزى ھەر ئايدا پەقەت 3000 يۈەندىن كۆپرەكلا مائاش ئالغان. 2013 - يىلى 8 - ئايدا، ليۇ لۇنتاڭنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان.

«سالامەتلىكىم ھەقىقەتەن يار بەرمىدى، ئاممىنىڭ يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقى بار ئىدى، ھاياتىمنىڭ قالغان كۈنلىرىدە ھەل قىلىپ بولالمايدىغان ئوخشايمەن...» بۇ ليۇ لۇنتاڭنىڭ خاتىرە دەپتىرىگە قالدۇرغان ئەڭ ئاخىرقى بىر بۆلەك سۆزى.

2014 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ليۇ لۇنتاڭ چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇ يىلى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئۇنىڭغا «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ تولۇقلاپ نام بەرگەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇنىڭغا «دەۋر ئۈلگىسى» دەپ نام بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى