تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى يېڭى دەرۋازىنى ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ مېيبىتې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە كىرگىنىمدە، باقمىچىلىق زاۋۇتى ئازادە، يورۇق، ھاۋا ئالماشتۇرۇشى ياخشى بولۇپ، سېسىق پۇراق يوق ئىدى؛ گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سېخىدا، خىزمەت فورمىسى كىيگەن ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

قاراقاش ناھىيەسى «كەسىپنى تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» خىزمەت تەپەككۇرى بويىچە، «دېھقانچىلىق قىلىشقا ماس كەلسە دېھقانچىلىق قىلىش، سودا قىلىشقا ماس كەلسە سودا قىلىش، سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كەلسە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش»تا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن كەسىپنى تۇتۇپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى. كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ، مېيبىتې شىركىتى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن.

ھەربىر كەسىپنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن قۇرۇشقىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ يېڭى مەنزىرىسى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ.

يېڭى ئىدىيە كەسىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى

«قاراڭ، ھەممىسى ئۈچ قەۋەتلىك توخۇ كاتىكى جازىسى، يەم بېرىش، سۇ بېرىشنىڭ ھەممىسىدە كومپيوتېردا مەشغۇلات قىلىنىدۇ، ئوخشىمىغان ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا، بېرىلىدىغان يەممۇ ئوخشىمايدۇ...» دېدى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مېيبىتې شىركىتى گۆش توخۇسى باقمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بۇسايىپ روزىمەمەت.

ئۆلچەملەشكەن توخۇ كاتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يەم بېرىش ماشىنىسى، تېمپېراتۇرا، نەملىكنى ئېلېكتىرونلۇق كونترول قىلىش تاختىسى... بۇسايىپ نۇرغۇن يېڭى ئىسىملارنى دەپ مۇخبىرنى ھەيران قالدۇردى.

«شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ توخۇ بېقىش ئادىتى بار، ئىلگىرى ھەممىسى تارقاق باقىدىغان بولغاچقا، كەسىپ شەكىللەنمىگەنىدى» دېدى مېيبىتې شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە لىدىرى جېڭ خەيلۇڭ.

خاس كەسىپنى تېز شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، قاراقاش ناھىيەسى 2019 - يىلى 4 - ئايدا يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا مېيبىتې شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 1500 مودىن ئاشىدىغان، جەمئىي 1 مىليارد 770 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان تۇخۇمدىن چىقىرىش - بېقىش، سويۇش - پىششىقلاش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، ئوراپ قاچىلاش - ئوبوروت قىلىش، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى - سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇردى.

قاراقاش ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىشنى تۇتۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قۇرۇش - كۈچەيتىشنى كۆزلەپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىدى. مېيبىتې شىركىتى نەسىللىك توخۇ كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش، تۇخۇمدىن چۈجە چىقىرىش، گۆش توخۇسى بېقىش، سويۇش، چوڭقۇر پىششىقلاش، ئوراپ قاچىلاش - ئوبوروت قىلىش قاتارلىق كەسىپ تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىدىن توڭلىتىلغان توخۇ، يېڭى توخۇ ھەم ئۈچەي كاۋاپ تۈرى، خوگو تۈرى، سالامەتلىكنى تەڭشەيدىغان تۈر، ياغدا پىشۇرۇلغان تۈر قاتارلىقلار بار.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پەخىرلەنگۈدەك نەتىجىلەر بىر - بىرلەپ بارلىققا كەلدى. شىركەتنىڭ نەسىللىك توخۇلىرىدىن ئاق پەيلىك گۆش توخۇسى، ئاق بالداق توخۇدىن ئىبارەت ئىككى تۈر بار؛ كۈندىلىك تۇخۇمدىن چىقىرىش ئىقتىدارى 200 مىڭ دانە بولۇپ، ئەتراپتىكى 13 يېزا - بازاردىكى 13 باقمىچىلىق بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، ئايدا 6 مىليون دانىدىن 7 مىليون دانىگىچە گۆش توخۇسى كاتەكتىن چىقىرىلدى؛ كۈندە 200 مىڭ گۆش توخۇسى سويۇلىدىغان سويۇش سېخى ۋە يىللىق مەھسۇلاتى 72 مىڭ توننىغا يېتىدىغان گۆش مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاش سېخى قۇرۇپ چىقىلدى.

«كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، بىز نەسىللىك توخۇنى كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش ۋە گۆش توخۇسى بېقىش جەريانىدا ھاسىل بولغان توخۇ مايىقىدىن ئورگانىك ئوغۇت ياساپ چىقىپ، ئاشلىق، ئالاھىدە مېۋىلىك دەرەخ ۋە كۆكتات تېرىشقا ئىشلەتتۇق» دېدى جېڭ خەيلۇڭ.

مۇلازىمەت يەتكۈزۈش كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مېيبىتې شىركىتىنىڭ خادىملىرى 100 توننا توخۇ گۆشى مەھسۇلاتىنى يېڭىدىن سېتىۋالغان ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىغا توشۇۋاتاتتى.

بۇ 146 ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ توشۇش ئاپتوموبىلىنى بۇ شىركەت يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى قاراقاش ناھىيەلىك تارماق بانكىسى تارقاتقان نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋالغان، بۇنىڭ بىلەن، قاراقاش ناھىيەلىك تارماق بانكا تارقاتقان جەمئىي 293 مىليون يۈەن قەرز پۇلنىڭ زور كۈچ بىلەن يۆلىشىدە، بۇ شىركەت تىجارەت ئەندىزىسىنى رەسمىي باشلىغان.

«بۇلار جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىگە ئەۋەتىلىدۇ، بۇ 1 - تۈركۈم. ئەمدى ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى شەھەرلەرگىمۇ ئارقا - ئارقىدىن مال ئەۋەتىمىز» دېدى بۇ شىركەتنىڭ سېتىش دىرېكتورى يۈ شيۇدۇڭ.

بۇ يىل 3 - ئايدا، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، مېيبىتې شىركىتىنىڭ چۈجە، ئۇرۇقلۇق، يەم سېتىۋالىدىغان مەبلىغى يېتىشمەي قالدى، قەرز پۇل ئىلتىماس قىلسا ئاز دېگەندە بىر ئايدا ئاندىن تەستىقلىناتتى. تىمتاس سېخقا قاراپ جېڭ خەيلۇڭ ئىنتايىن تىت - تىت بولدى، بىر كۈن بىكار تۇرسا بىر كۈنلۈك زىيان كۆپىيەتتى. دەل جېڭ خەيلۇڭنىڭ قەرز پۇل ئۈچۈن بېشى قېتىپ تۇرغان ۋاقىتتا، قاراقاش ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى قاراقاش ناھىيەلىك تارماق بانكىسى بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئالاقىلىشىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا شىركەت بىلەن ئۇدۇللاشتۇردى، 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 150 مىليون يۈەن قەرز پۇل بېرىلىپ، كارخانا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاراقاش ناھىيەسى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئىناۋەتلىك قەرز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھۆكۈمەت - بانكا - كارخانا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يېڭى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

«يىل بېشىدىن بۇيان، بانكىمىز جەمئىي 12 كارخانىغا مەدەت بېرىپ، 14 قېتىم ئىناۋەتلىك قەرز بېرىش مۇلازىمىتى قىلدى، سوممىسى 445 مىليون يۈەنگە يەتتى» دېدى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى قاراقاش ناھىيەلىك تارماق بانكىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، بانكا باشلىقى ياڭ شىنمىڭ.

«بۇ پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدىكى بىر تۈر بولۇپ، ئورۇن تاللاپ زاۋۇت ئۆيى سېلىش، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش... ھەربىر ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىللىق مۇلازىمەتكە ئېرىشىپ، كارخانىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.» جېڭ خەيلۇڭ مۇنداق دېدى: «بىزمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز كۈچىمىزنى قوشىمىز».

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش

«بۇ مەن مەسئۇل بولغان توخۇ كاتىكى، بۇ، تېمپېراتۇرا، نەملىك، ھاۋا بېسىمىنى كونترول قىلىدىغان مەشغۇلات تاختىسى، ھاۋا بېسىمى تۆۋەن بولسا چۈجىلەر زۇكامداپ قالىدۇ، بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك.» بۈگۈنكى كۈندە، مەمتىمىن جۈمە بۇ زامانىۋى كارخانىنىڭ ئۆزىگە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ.

مەمتىمىن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى سۆگەتبوستان كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، پارچە - پۇرات ئىش قىلىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، كىرىمى بار، بىراق مۇقىم ئەمەس ئىدى. بۇلتۇر، ئۇ مېيبىتې شىركىتىنىڭ سايباغ يېزىسىدىكى باقمىچىلىق بازىسىدا باقمىچى بولدى، زامانىۋى كاتەك ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يەم بېرىش سىستېمىسى ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى توخۇ بېقىش تونۇشىنى ئاغدۇرۇۋەتتى.

زاۋۇتقا كىرگەندىن كېيىن، ئۈچ ئايدىن كۆپرەك تەربىيەلىنىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەمتىمىن تۈرلۈك مەشغۇلاتنى پىششىق ئىشلىيەلەيدىغان بولدى، بۈگۈنكى كۈندە، 35 مىڭ چۈجە بېقىلىدىغان توخۇ كاتىكىنى باشقۇرۇۋاتىدۇ، «مەن ھازىر ئېلېكتىرونلۇق كونترول قىلىش تاختىسى ئارقىلىق، تۈرلۈك باقمىچىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆزىتىپ ۋاقتىدا تەڭشىيەلەيمەن».

قاراقاش ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدى. مېيبىتې شىركىتىدە مەمتىمىنگە ئوخشاش مۇشۇنداق خادىمدىن 5986سى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە 3064 كىشى بولۇپ، كىشى بېشى ئايلىق مائاشى 2500 يۈەندىن ئاشىدۇ.

«شىركەت <باشلامچى كارخانا+بازا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+نامرات ئائىلە> ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەسىپلەرنى كەنتلەرگىچە ئۇزارتىپ، ئائىلىلەرگىچە ئورۇنلاشتۇردى ھەم باقمىچىلارنى بىرتۇتاش تەربىيەلەش، چۈجە بىلەن بىرتۇتاش تەمىنلەش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرتۇتاش تەمىنلەش، يەم بىلەن بىرتۇتاش تەمىنلەش، بىرتۇتاش تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، گۆش توخۇسىنى بىرتۇتاش يىغىۋېلىشتىن ئىبارەت <ئالتە بىرتۇتاش> مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، 1560 نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.» جېڭ خەيلۇڭ مۇنداق دېدى: «ئەمدى مېيبىتې شىركىتى يەنە خوتەن ۋىلايىتىدە خەلققە قولايلىق تاماق ھارۋىسىدىن 5000نى تارقىتىدۇ. نۆۋەتتە، قاراقاش ناھىيەسىگە 500 تاماق ھارۋىسى تارقىتىلدى، بۇ، 10 مىڭ كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى