تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«گۈل دېڭىزى ئىقتىسادى» يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىگە كۈچ قوشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چۈ يۈەنيۈەن): يەكەن دەرياسى بويىدىكى نېلۇپەر گۈلى، فۇشۇ تېغى ئېتىكىدىكى چۆل يالپۇزى، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنشەن تېغى ئەتراپىدىكى سەبدە گۈل... يازدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەرخىل گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى. بەس-بەستە «گۈل سەيلىسى» قىلىشقا كەلگەن ساياھەتچىلەر «گۈل دېڭىزى ئىقتىسادى»نى شەكىللەندۈردى ھەمدە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىگە تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

  قاناس مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان يولدا بېيجياڭ خەيئەن مەنزىرە رايونى بار بولۇپ، بۇ مەنزىرە رايوندىكى ھەرخىل رەڭلىك گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى. كۆرگىلى بولىدىغان دائىرىدىكى 100 مو گۈل دېڭىزى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. قاناس كۆلىنىڭ سۈيى بۇ يەردىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئۆزگىچە قىرغاقنى شەكىللەندۈردى، شۇنداقلا بۇ يەردىكى گۈل دېڭىزىنى ئوزۇقلاندۇردى. 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، چوغلۇق گۈلى، مودەنگۈل قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن پورەكلەپ ئېچىلىپ، «خۇش پۇراققا ئەگىشىپ كەلگەن» ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  گۈل تاماشاسى قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشى بىلەن، بۇرچىن ناھىيەسى ئويماق بازىرىدىكى دېھقانلار ئارامگاھى تىجارەتچىلىرىنىڭ بۇ يىلقى سودىسى باشلاندى. ئويماق بازىرى قاتاي كەنتىدىكى قۋانتاي كادىرقان مۇنداق دېدى: «گۈل تاماشاسى قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر دائىم يېقىن ئەتراپتا ئارام ئالىدۇ، بىزنىڭ دېھقانلار ئارامگاھىمىز ساياھەتچىلەرنى غىزالىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە مىللىي ئۆرپ- ئادەتنى ھېس قىلىش پائالىيىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن: سۈت سېغىش دېگەندەك. تەتىلدە ھەر كۈنى نەچچە رەت مېھمان كۈتۈۋالدۇق».

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي يېزىسى تىيانشان خۇاخەي مەنزىرە رايونىدىكى 100 مو چېشي جۇخار گۈلى پورەكلەپ ئېچىلدى. قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات خادىمى تەن يۇڭخۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەتىيازدىن باشلاپ قىزىل بۇيا، زىنىگۈل، چېشي جۇخار گۈلى قاتارلىق ھەرخىل گۈللەر ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، ھەر ھەپتە ئاخىرىدا مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى گۈل تاماشاسى قىلغىلى كېلىۋاتىدۇ». «گۈل تاماشاسى ئىگىلىكى»نىڭ جانلىنىشى تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلەش، كىرىم ئاشۇرۇش پۇرسىتى ياراتتى. بۇ مەنزىرە رايونى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 20دىن ئارتۇق چارۋىچىلار ئارامگاھى، دېھقانلار ئارامگاھى كۆپەيتىشنى پىلانلىدى.

  قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى ئۈژمىلىك كەنتىدە، ھازىر سەبدە گۈللەر چېچەكلەش مەزگىلىگە كىردى. قاغىلىق ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئۈژمىلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى تۇرغۇن تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل كەنتىمىز 100 مو يەرگە سەبدە گۈل تېرىدى، سەبدە گۈل 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئېچىلىدۇ، بۇ خىل گۈل ناھايىتى ياخشى ھۇزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يەر باغ-ئورمان مەنزىرىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلدى، بىر يىلدا بىر مو يەردىكى سەبدە گۈلنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 2-3 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ».

  «گۈل دېڭىزى»نىڭ ئېچىلىشى بىلەن يېزا-كەنتلەر تېخىمۇ رەڭگارەڭ بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى تېخىمۇ كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى يېزا-كەنت، مەنزىرە رايونلىرى يەنە «گۈل دېڭىزى ئىقتىسادى»ىنىڭ ياردىمىدە، ساغلاملىق كۈتۈنۈش كەسپىي، سالقىنداش ساياھىتى قاتارلىقلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ «ئالتۇن تەركىبى»نى ئاشۇردى. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى