سۈرەتتە: 7-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان چىڭخەي ئۆلكىسى خەيدۇڭ شەھىرى خۇالۇڭ خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىدىكى خۇاڭخې دەرياسى ۋە دەريا قىرغىقىنىڭ مەنزىرىسى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، چىڭخەي ئۆلكىسى خەيدۇڭ شەھىرى خۇالۇڭ خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىدىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى يېشىللىققا پۈركەندى. ئاسماندىن قارىغاندا، يېشىل تاغ ۋە زۇمرەتتەك سۇلار كۆك ئاسمانغا بېقىپ، بىر پارچە گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى ھاسىل قىلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ گاڭ فوتوسى)