تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى   شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى   شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنى خوتەن شەھىرىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنى خوتەن شەھىرىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندىن ئىلگىرى، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن بىر يېرىم كۈن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىگە كېلىپ، ئاقسۇ مىليون مولۇق ئېكولوگىيە باغچىسى، كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، ئاقسۇ نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى، قەشقەر شەھىرى ئىپارخان باغچىسى ۋە يېڭىشەھەر ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسىدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ۋەكىل خاراكتېرلىك كارخانا، نۇقتىلىق باغچە رايونى ۋە كەسىپ تۈرلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ئايرىم - ئايرىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى چوڭقۇر تونۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تەلىپى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ پايدىسىنى تولۇق قويۇپ بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىشنىڭ تەلىپى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تەلىپى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تەلىپى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشنىڭ تەلىپى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ تەلىپى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قىستاپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامرات ئامما قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ يېزا ئىگىلىكىدە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، بازار يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سېلىنما، ئىستېمال، تاشقى سودىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، ئورتاق ئالغا سىلجىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشى يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، توردا، تور سىرتىدا يۇغۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمالنى تولۇقلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تاشقى سودىنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پورت ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ بەس - بەستە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ بازار ئىجازىتى بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» «ئەڭ تېز بولغاندا بىر قېتىم يەتكۈزۈش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئازايتىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئادىل رىقابەتنى قوغداش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەڭ ئاخىرقى قورغاننى ھۇجۇم بىلەن ئېلىش كېرەك؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك، كاپالەتلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئادەتتىكى چىقىمنى زور كۈچ بىلەن كېمەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە مەبلەغنى دەل جايىدا، مۇھىم ئورۇنغا ئىشلىتىش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەت مۇقىم بولۇش، مىكرو سىياسەت جانلىق بولۇش، جەمئىيەت سىياسىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن ئالاھىدە سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى، پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

توققۇزىنچىدىن، ئاممىغا بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمىن ئۆي قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئونىنچىدىن، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى تۇتۇشنى بوشاشتۇرماسلىق كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە مۇجەسسەملەپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىستىلنى ياخشىلاپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق، «13 - بەش يىل»نىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى خىزمەت ئىستىلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى(شەھەر)لىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.