تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى «يېڭىشەھەرنىڭ نام كارتىسى»نى يورۇتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن چىنيەن

يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى، بىلەزۈك، توردا تەربىيەلەش بىر گەۋدە ماشىنىسى قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئارقا - ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىلدى − ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئالتە سېكۇنتتا بىر مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلدى. قىسقىغىنا ئۈچ ئايدا بۇ يەردە 400 مىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلدى.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن - تېخنىكا كارخانىلىرى نېمە ئۈچۈن يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر باغچىسىنى ياقتۇرىدۇ؟ بۇ، كەسىپلەر باغچىسىنىڭ مەۋقەنى ئۆز تەبىئىي تالانتىغا قويۇپ، ھەم يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ قەدەم ئېلىپ باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، ھەم ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، زەنجىرنى تاۋلاپ، توپنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش»نى باشلىشىدىن كەلگەن.

يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ماڭغىنىڭىزدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى مەنزىرىلەر كىشىنى روھلاندۇرىدۇ.

يېڭى ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش    كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش

ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن - تېخنىكا كارخانىلىرى نېمە ئۈچۈن يېڭىشەھەر ناھىيەسىنى تاللايدۇ؟

دۆلەت ئىچىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساھەلەردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىي قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، شېنجېندىن كەلگەن بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، ئورۇن تاللاپ زاۋۇت قۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى. «<بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان> قەشقەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە جايلاشقان.» ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن - تېخنىكا كارخانىسىنىڭ باش دىرېكتورى جياۋ دۇڭيۈ مۇنداق قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا، پۇختىلىشىشىغا ئەگىشىپ، قەشقەر تەدرىجىي ھالدا دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد - سودا ۋە كەسىپ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېگىزلىككە ئايلاندى.

كارخانىلارنىڭ تاللىشى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىشەھەر ناھىيەسى رايون ئورنى قاتنىشى، بايلىق، بازار، سىياسەت ھەمدە شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق تەرەققىيات ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى.

يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى «بىر رايون، تۆت باغچە»نىڭ بىرى بولغان يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر باغچىسىغا كىرسىڭىز، ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ تەرتىپلىك پىلانلانغانلىقى، زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر دوختۇرخانىسى، مەكتەپ قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز.

يېڭىشەھەر ناھىيەسى مەۋقەنى يېڭى ئەۋزەللىككە قويۇپ، كەسىپ «ئالتۇن قونچاق»لىرىنى ئۇدا قولغا كەلتۈردى: باغچە رايونىغا ماكانلاشقان كارخانىلار توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش، تېببىي داۋالاش سايمانلىرى، چىراغ ياساش، سانائەت توقۇمىچىلىقى، يېمەكلىك پىششىقلاشتىن ئىبارەت ئالتە چوڭ تۈردىكى كەسىپ تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 6200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق مائاش 2500 يۈەندىن ئاشتى.

بۇ، يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر باغچىسىنىڭ «ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دېگەننى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

باغچە رايونىنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشىغا ئەگىشىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار كەينى - كەينىدىن كەلدى. 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيەسى يەنە 17 كارخانىنىڭ مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالىشىنى كۈتۈۋالدى، 23 تۈرگە جەمئىي 8 مىليارد 287 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. چوڭ كارخانا، چوڭ تۈرلەرنى كىرگۈزۈش، ماكانلاشتۇرۇش يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ «چوڭ سودىگەر چاقىرىش، ياخشى سودىگەر چاقىرىش» نام كارتىسىنى سىجىل يورۇتتى...

ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش    كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

رەتلىك، پاكىز سېختا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، تولۇق ئاپتوماتىك ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى، بىر دانە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا يېرىم سېكۇنتتىلا ماشىنىدىن چىقىرىلاتتى.

«شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرغاندىن تارتىپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقىچە قىسقىغىنا بىر ئاي بولدى» دېدى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلاشقان بىر داۋالاش بۇيۇملىرى كارخانىسىنىڭ باش مۇدىرى ساۋ گاڭ.

ھەر كۈنى بىر قېتىم مەسلىھەت قىلىنىدۇ، ھەر دۈشەنبە كۈنى بىر قېتىم قەرەللىك يىغىن ئېچىلىدۇ، كادىرلار بىرىنچى سەپكە چۈشۈپ، قوماندانلىقنى دەل جايىدا قىلىدۇ. بۇنداق ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش غەيرىتى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ «يېڭىشەھەر سۈرئىتى»نى يېڭىلىماقتا.

ئۆزگىرىش يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر باغچىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ھالقا، ۋاقىت، خىراجەتنى ئىخچاملاش ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تىرىشىپ كارخانىلار ئۈچۈن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئاز، تەرتىپى ئەلا، ئۈنۈمى يۇقىرى، مۇلازىمىتى ياخشى بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىشىدىن كەلگەن.

«تىجارەت - سودا مۇھىتى خۇددى بىر ئەپكەشكە ئوخشايدۇ، بىر ئۇچىدا باغچە رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆتۈرىدۇ، يەنە بىر ئۇچىدا كارخانىنىڭ كەلگۈسىنى كۆتۈرىدۇ» دېدى باغچە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى لى خەيلىڭ سەمىمىيلىك بىلەن.

2019 - يىلى 7 - ئايدا يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر باغچىسى تەشكىللەپ قۇرۇلدى، كەسىپلەر باغچىسى باشقۇرۇش كومىتېتى «تەربىيەلەش ھەپتىلىكى» «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېيى» «ئىستىل يىلى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، ماس كېلىدىغان «يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت» سوۋغا قىلدى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «سىياسەت مۇلازىمىتى» «ئىدىيەۋى تەربىيە» «قىيىنچىلىق دەۋا - تەلىپى» ۋە «ئىتتىپاقلىق، غەمخورلۇق»تىن ئىبارەت تۆت فۇنكسىيەلىك گۇرۇپپا قۇردى. بىر تەرەپتىن، كارخانىلارنىڭ بەلگىلەنگەن ئورنىغا ئاساسەن، ئىختىساسلىقلار، باج قاتارلىق ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسەتلىرىنىڭ توپلىنىشى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇچۇر ماس كەلمەسلىك مەسىلىسىنى يۈزتۇرا ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشى، ياخشى پايدىلىنىشى، جانلىق پايدىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كارخانا تەسىس قىلىش، تەرەققىيات داۋامىدا يولۇققان بوغما ھالەت مەسىلىسى ۋە ماسلاشتۇرۇپ ياردەم بېرىشكە تېگىشلىك قىيىنچىلىقلارغا قارىتا ماس كېلىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزدى.

«ھۆكۈمەت ئىشىك ئالدىمىزغىچە كېلىپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى، بىز ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق.» باغچە رايونىغا ماكانلاشقان بىر پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شياۋ شىيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ، باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىبارەت بۇ «مۇلازىمەت ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى»نىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا ئىگىلىگەنلىكىدىن بولغان.

تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. 2019 - يىلى يېڭىشەھەر ناھىيەسى كەسىپلەر باغچە رايونى 3 مىليارد 230 مىليون يۈەن ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشتى؛ بۇ يىل 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، باغچە رايونى 2 مىليارد 335 مىليون يۈەن ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئاشتى. باغچە رايونىدا 14 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2517 نامرات ئاھالە بار.

لى خەيلىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، «يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەلەپنى چوقۇم قاندۇرۇپ، ئىش بولمىسا ئاۋارە قىلماي، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا چىن كۆڭلىمىزدىن ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز.

باغچە رايونىدا خىزمەت قىلىش    تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلىنىش

باغچە رايونىدىكى كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ماشىنا ئاۋازى بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇراتتى، خىزمەتچى خادىملار ئۆز خىزمەت ئورنىدا جىددىي، تەرتىپلىك ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

«بۇ يەردە خىزمەت قىلىپ تېخنىكا ئۆگىنىۋالدىم، باشقۇرۇشنى بىلدىم، يەنە مۇھەببەتكە ئېرىشتىم» دېدى 25 ياشلىق ئىلھام تۇرغۇن پەخىرلەنگەن ھالدا.

«ھەر ئايلىق مائاشىم 2700 يۈەن، خوتۇنۇمنىڭ 2500 يۈەن، بالىلىرىم باغچە رايونى ئەتراپىدىكى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.» 39 ياشلىق مۇتەللىپ يولداش ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزگە ئېلىپ كەلگەن».

مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ بەش مو تېرىلغۇ يېرىنى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىگە ئوبوروت قىلىپ بېرىپ، خوتۇنى ۋە بىر جۈپ پەرزەنتىنى ئېلىپ، باغچە رايونىدىكى ياتاق بىناسىغا كۆچۈپ كىردى.

ھەربىر ئادەم ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىدۇر، 24 ياشلىق ھەجەرگۈل ئەمەتمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. «ھەر ئايدا 2500 يۈەن مائاش ئالىمەن، باغچە رايونى يەنە ھەقسىز ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ. كۈندىلىك چىقىمىمدىن باشقا، مائاشىمنىڭ ھەممىسىنى ئاتا - ئانامغا بېرىمەن، ئۇلار مەن ئۈچۈن يىغىپ قويىدۇ، كەلگۈسىدە شەھەرگە بېرىپ ئۆي ئالىمەن، ئۆي - ئوچاقلىق بولىمەن.» ھەجەرگۈل قارىماققا تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولغانىدى.

يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىملارنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى نۇقتىدىن ئورۇن بېكىتىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئىشخانا مۇلازىمەت رايونى، تۇرالغۇ تۇرمۇش رايونى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىنى پىلانلىدى. نۆۋەتتە، توققۇز ئۆلچەملىك زاۋۇت بىناسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، تۆت ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياتاق بىناسى، 13 ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئولتۇراق بىناسى ھەمدە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاشخانىسى، كىر يۇيۇش ئۆيى، زال ۋە ئوت ئۆچۈرۈش مەركىزى، تاللا بازىرى، دوختۇرخانا، پۇتبول مەيدانى، يەسلى ۋە ياتاقلىق تۈزۈمىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق ئەسلىھەلەر قۇرۇلدى.

باغچە رايونىدا خىزمەت قىلىپ، تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئىلگىرى نامراتلىق سەۋەبىدىن دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان «ئارزۇ»لارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن بولدى.

بۇ ياشلارنىڭ ئۆز «ئارزۇ»سىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ماھارەت، دۆلەت ئورتاق تىلى قاتارلىقلار بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخى، مەھسۇلاتنىڭ ناچارلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى، مائاشىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشتى، خىزمەتچىلەر بۇنىڭ تەمىنى تېتىپ، «ماڭا ئۆگىتىش»تىن تەدرىجىي ھالدا «مەن ئۆگىنىمەن»گە ئۆزگەردى.

«نۆۋەتتە 2 - قارارلىق ئالتە ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىناسى پۈتتى ھەم بېزىلىپ بولدى، باغچە رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان، باغچە رايونىدا ياشاۋاتقان ياشلارنىڭ ئەتىكى تۇرمۇشى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ» دېدى لى خەيلىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى