تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامرات ئائىلىلەر قالتىس كۈنگە ئېرىشتى

تارباغاتاي ۋىلايىتى «مۇھىم تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، كالىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى

نامرات ئائىلىلەر قالتىس كۈنگە ئېرىشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى گې يوۋجۈن   جاۋ چۇنخۇا

كالا باقايمۇ ياكى باقمايمۇ؟

ئىككى يىل ئىلگىرى، ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بىلىمقان قىزىرقان ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر قىيىن تاللاش ئىدى.

«كالا باقاي دېسەم، قاراپ باقسام دادام ئۇزاق يىل كالا بېقىپمۇ، بېيىيالمىدى، تېخى <ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە> دېگەن قالپاقنى كىيدى؛ باقماي دېسەم، يەر تېرىشقا تايىنىپ يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولمايدىكەن...» 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، بىلىمقان ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا قاتتىق گاڭگىرىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىلىمقاننىڭ ئائىلىسى چۆچەك شەھىرىنىڭ چاشا بازىرى ئورتا ئاشۇتاس كەنتىدە بولۇپ، بۇ كەنت ئىلگىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت ئىدى، نامرات ئاھالە پۈتۈن كەنت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيتتى.

كەنت جايلاشقان چۆچەك - دۆربىلجىن ئويمانلىقى شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق رايونى بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە چارۋا بېقىش ئىلگىرى شۇ جاينىڭ چارۋىچىلىقىنىڭ ئاساسلىق تەرەققىيات شەكلى ئىدى.

«شۇ جايدا ئۇزاق مۇددەت زىيادە مال بېقىلغاچقا، ئوتلاق چېكىنىپ، كۆتۈرۈش كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە چارۋىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ جاينىڭ يەرلىك قوڭۇر كالىسىنى باقىدۇ، نەسلىنىڭ چېكىنىشى ئېغىر، كۆپىيىش ئۈنۈمى تۆۋەن، باقمىچىلىق ئۈنۈمى ئادەتتىكىچە، يىرىك باقمىچىلىق ئۇسۇلى كالىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان، بۇ ھەم شۇ جايدىكى چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرالماسلىقىدىكى ئاچقۇچ» دېدى چۆچەك شەھىرى چاشا بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ پېڭ.

نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

2018 - يىلى 9 - ئايدا، شۇ جاي سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ خۇالىڭ سەننۇڭ ئوتلاق - چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، ئورتا ئاشۇتاس كەنتىگە ماكانلاشتۇردى. باشلامچى كارخانىنىڭ كېلىشى بىلەن، بىلمقان مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ جاۋابىنى تاپتى.

سەننۇڭ شىركىتى شۇ جايدا 11 مىڭ مولۇق زامانىۋى گۆش كالىسى باقمىچىلىقى كەسىپلەر باغچە رايونى قۇردى. ساپ نەسىللىك ئانگۇس نەسىللىك كالىسى ۋە ياپونىيە ساپ نەسىللىك خېنيۇ كالىسىنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئانگۇس كالىسى نەسىللىك توپىنى بەرپا قىلدى.

سەننۇڭ شىركىتىنىڭ گۆش كالىسى باقمىچىلىقى كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىلىمقان جىم تۇرالماي قالدى.

«كالىنىمۇ B چاۋدا تەكشۈرگىلى بولىدىكەن!» بىر كۈنى، بىلىمقان ۋە كەنت ئاھالىلىرى سەننۇڭ شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، تېخنىك خادىملارنىڭ بىر سىيىرنى B چاۋدا تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران قالدى. تېخنىك خادىملار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: بۇ تەكشۈرۈشنى قىلىش سىيىرنىڭ كۆپىيىش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن.

«بىز شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارغا ماس كېلىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق بولغان كالا بېقىش لايىھەسىنى تۈزۈپ بېرىپ، شۇ جايدىكى كالا بېقىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق» دېدى سەننۇڭ شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى ساۋ خۇي.

«شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» كەسىپلەشكەن تىجارەت ئەندىزىسى بويىچە، سەننۇڭ شىركىتى شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلار بىلەن كۆپ خىل شەكىلدە چوڭقۇر ھەمكارلاشتى.

كىچىك كۆلەمدىكى كالا باقىدىغان ئائىلىلەرنى شىركەت ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، ھەربىر كالا ئۈچۈن يىلىغا 1500 يۈەن پايدا تەقسىملەپ بەردى؛ بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە ئوتلىقى بار كالا باقىدىغان ئائىلىلەرگە شىركەت ۋاكالىتەن بېقىشنى ھاۋالە قىلدى، چارۋىچىلار بىر كالىنى ۋاكالىتەن باقسا بىر ئايدا 80 يۈەن پايدىغا ئېرىشتى، ھەر يىلى ۋاكالىتەن بېقىش مەزگىلى ئالتە ئاي بولدى. شىركەت يەنە چارۋىچىلارنىڭ ئۆزلىرى باققان سىيىرنى ھەقسىز ئۇرۇقلاندۇرۇپ نەسلىنى ياخشىلىدى، تۇغۇلغان ئەركەك موزايلارنى شىركەت بازار باھاسىدىن %10 يۇقىرى باھادا قايتۇرۇپ سېتىۋالدى، چىشى موزايلارنى دېھقان - چارۋىچىلار تۇغىدىغان سىيىر سۈپىتىدە بېقىپ، تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتتى.

يېڭىچە ھەمكارلىق شەكلى ئارقىلىق، كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ يېڭى يولىنى تاپتى. كەنتتە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى، بىلىمقان ساۋ خۇينىڭ نۇرغۇن چارۋىچى «شاگىرت»لىرى ئارىسىدىكى بىر ئەزاغا ئايلاندى.

يەم - خەشەكنى قانداق قىلىپ ئىلمىي تەڭشەش، قانداق قىلىپ توڭلىتىلغان ئىسپېرما بىلەن ئۇرۇقلاندۇرۇش، گۆش كالىسىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش ئاساسىي بىلىملىرى... بىلىمقان ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن «ھەقىقىي تەجرىبە»لەرنى ئۆگەندى.

«ئانگۇس گۆش كالىسى ئاتىلىق تۈپى ۋە قازاق كالىسىنىڭ ئانىلىق تۈپى ئارقىلىق، چۆچەك - دۆربىلجىن قارا كالىسىنى شالغۇتلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئوتتۇراھال، يۇقىرى دەرىجىلىك كالا گۆشى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ؛ ياپونىيە خېنيۇ كالىسىنىڭ ئاتىلىق تۈپى ۋە شۇ جاينىڭ قوڭۇر كالىسىنىڭ ئانىلىق تۈپى ئارقىلىق، چۆچەك - دۆربىلجىن شۆنيۇ كالىسىنى شالغۇتلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئالىي دەرىجىلىك شۆخۇا كالا گۆشى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، بۇ كالا گۆشلىرىنىڭ بازاردىكى سېتىلىش باھاسى ئالاھىدە يۇقىرى!» بىلىمقان بۇلارنى پىششىق بىلەتتى.

بۇلتۇر، بىلىمقان ئائىلىسى قوڭۇر كالا نەسىللىك سىيىرىدىن ئۈچنى باقتى، ئۇرۇقلاندۇرۇپ نەسلىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئۈچ ئانگۇس شالغۇتلاشتۇرۇلغان نەسىللىك موزاي تۇغۇلدى، ھەربىر موزاينى 6000 يۈەندىن سېتىپ، ھەربىرىدىن شۇ جايدىكى يەرلىك كالىنىڭ موزىيىدىن 3000 يۈەن كۆپ كىرىم قىلدى. ھەسسىلەپ ئاشقان باقمىچىلىق ئۈنۈمىدىن، ئۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىدى.

بۇ يىل، ئۇنىڭ ئائىلىسدىكى ئۈچ سىيىر يەنە ئۈچ ئانگۇس موزىيى تۇغدى، ئۇ ئىككى چىشى موزاينى ئائىلىسىدە بېقىپ، تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشكە ئىشلەتتى، بىر ئەركەك موزاينى سەننۇڭ شىركىتىگە بېقىشقا ھاۋالە قىلدى.

باشلامچى كارخانىنىڭ يېتەكلىشى، تۈرتكە بولۇشى ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىدە پىشىپ يېتىلگەن كەسىپ ئەندىزىسى يەرلىكلەشتۈرۈلۈپ مەشغۇلات قىلىنىپ، شۇ جايدا گۆش كالىسى نەسلى يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، بورداش، يەم - خەشەك تېرىش ۋە ئورگانىك ئوغۇت پىششىقلاش توپلانغان باقمىچىلىق كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈلۈپ، شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقىنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

بۇ كەسىپ زەنجىرىدە، بىلىمقان ۋە شۇ جايدىكى نامرات چارۋىچىلار تەرەققىياتنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى كۆتۈۋالدى. نۆۋەتتە، گۆش كالىسى كەسپى 110 ئائىلىدىكى 360 ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، سەننۇڭ شىركىتىنىڭ گۆش كالىسى باقمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا بېقىلىۋاتقان گۆش كالىسىنىڭ قوتان قالدۇق سانى 50 مىڭغا يېتىدۇ. شىركەت 300 مىڭ ئەلا سۈپەتلىك قازاق ئاساسىي سىيىر پادىسىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك گۆش كالىسى باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ. تارباغاتاي ۋىلايىتىدە بېقىلىۋاتقان گۆش كالىسىنىڭ قوتان قالدۇق سانى 3 مىليونغا يېتىدۇ، كالىچىلىق كەسپى زورايماقتا، كۈچەيمەكتە.

«مەن كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ <مۇھىم تۇتقا>سىنى تۇتۇۋالدىم، يەنە مۇشۇنداق دومىلىما تەرەققىي قىلىۋەرسەم، مەن ناھايىتى تېزلا قالتىس لاۋبەنگە ئايلىنىمەن» دېدى بىلىمقان كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى