تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە ئەزالىرى ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلار، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ دېلو ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى؛ يىغىنغا قاتناشقان خادىملار ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى كۆردى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش، «ئىككىنى قوغداش» سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيەنى بەرپا قىلىش ۋە قوغداشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «ئۈچنى قىلماسلىق»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمى بەرپا قىلىشنىڭ ئىچكى تەلىپى. ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ رەزىللىكنى جازالاشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ تىپىك دېلو مىساللىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىپ، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ سىياسىي ئۇلى ۋە ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. جەزمەن پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ جەزمەن غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك ھايات قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ «باش كەيگۇەن» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش؛ جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي تۈردە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كېرەك. جەزمەن ئىنتىزام قارىشى ۋە قائىدە ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت ئەيمىنىشنى ساقلاش، تۆۋەن چەكنى قاتتىق ساقلاش؛ جەزمەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى چىڭىتىپ، بىرلەشتۈرۈش، ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، بەنزە ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئادا قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەت قىلىشى، دەل جايىدا نازارەت قىلىشى، ئىجادىي نازارەت قىلىشى كېرەك. كۈندىلىك باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، «تۆت خىل ھالەت»تىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش كېرەك. يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، توسۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى كۈچەيتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قىلچە يول قويماسلىق ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش سالمىقىنى قىلچە ئاجىزلاشتۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۈزۈم مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمگە ئاڭلىق ھۆرمەت قىلىپ، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈزۈمنى قەتئىي قوغداپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تۈزۈملەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارى، چاقىرىق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.