تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆكيار: كۆكەرتىش بىلەن بېيىش تەڭ گۈللەنگەن ئېكولوگىيە مۆجىزىسى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرى گوبى يېڭى كەنتىدىكى خاۋيۈەن ئۈزۈم ھاراقچىلىقىنىڭ ئۆستۈرۈش بازىسىدا، تېخنىك خادىملار ئۈزۈمنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

(ياڭ شو فوتوسى)

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 1 مىليون 200 مىڭ مودىن ئاشىدىغان كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى دۇنيا بويىچە چۆللىشىشنى تىزگىنلەشتىكى ئۈلگە بولۇپ قالدى. ئەڭ دەسلەپتىكى نوقۇل ھالدا ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلىشتىن «ئورمان بىلەن ئورماننى بېقىپ» ئېكولوگىيە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىشقىچە، يەنە تۈزەش داۋامىدا «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»تىن ئىبارەت قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، ئاقسۇلۇقلار 30 نەچچە يىلدىن بۇيان قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يېشىل ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

ئىزچىللىققا ئىگە سىياسەت باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ زورىيىشى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى

1986 - يىلى، ئەتراپتىكى ناچار تەبىئىي مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھىرى كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. 2020 - يىلىغا كەلگەندە، كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئەڭ دەسلەپكى بەش يىلدىكى 18 مىڭ مودىن 1 مىليون 200 مىڭ موغا كېڭىيىپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدا 700 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق ئېكولوگىيە توسىقى بەرپا قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە %60ى ئىقتىسادىي ئورمان.

ھالبۇكى، 30 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئەسلا تۈزۈكرەك باغ - ئورمانمۇ يوق ئىدى. «ئۇ چاغدا باغ - ئورمانچىلىق پەقەتلا كۆزگە چېلىقمايدىغان بىر قوشۇمچە رول بولۇپ، دېھقانچىلىقتىكى قوشۇمچە كەسىپ دەپ قارىلاتتى» دېدى شىنجاڭ خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خەن شۇاڭشېڭ ئەسلەپ. دەل مۇشۇ 30 نەچچە يىلدا، ئاقسۇ باغ - ئورمانچىلىق ساھەسىدىكى تونۇلمىغان قوشۇمچە رولدىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ باغ - ئورمانچىلىقىدىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلاندى، باغ - ئورمان مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن شىنجاڭنىڭكىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەپ، ئالما، ياڭاق ۋەكىللىكىدىكى ھۆل، قۇرۇق مېۋىلىرىنىڭ نامى پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلدى.

بۇ ئىككى مۆجىزىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۈزبېرىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس.

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ بېشىدا، ئەزەلدىن چۆل پېتى تۇرۇپ كەلگەن كۆكيارغا بىرىنچى تۈركۈم ئىھاتە ئورمىنى تىكىلگەندىن كېيىن، قۇرغۇچىلار بۇ يېشىللىقنى قانداق قىلىپ داۋاملاشتۇرۇش ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. بۇ يەردە باغ - ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكى ھۆكۈم قىلىنىپ بېكىتىلگەندە، سىياسەت ئارقىلىق باغ - ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئېكولوگىيە نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئويى شۇ ھامان شۇ جايدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى ھەم تېزدىن يولغا قويۇلدى. كۆكيار قۇرۇلۇشى ئىھاتە ئورمىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا، ئالما، ياڭاق، چىلان قاتارلىق ئىقتىسادىي ئورمانلار تەدرىجىي يىلتىز تارتتى ھەم بارغانسېرى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى، ئۇ دەل ئاقسۇ ۋىلايىتىدە باغ - ئورماننىڭ كەسىپلىشىشىنىڭ باشلىنىشى ئىدى.

«ئىزچىللىققا ئىگە سىياسەت كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىق ۋە تەجرىبە» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي. 1986 - يىلىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى ھەر نۆۋەتلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى كۆكيار قۇرۇلۇشىنى ئەزەلدىن توختىتىپ قويمىدى. ھەر نۆۋەتتە ئىلگىرىكى ئاساستا يەكۈنلەپ يېڭىلىق يارىتىلىپ، كۆكەرتىش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. سىياسەتنى يولغا قويۇش يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكى ئاقسۇنىڭ باغ - ئورمانچىلىق تەرەققىياتىنى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم مۇھىت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كەسىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى.

«30 نەچچە يىلدا، ئاقسۇنىڭ باغ - ئورمانچىلىقىدا باشتىن - ئاخىر ئويلىشىلغىنى مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش، قانداق قىلىپ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تەرەققىي قىلىش بولدى. كەسىپلەرنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىجىللىقى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ زۆرۈر ئالدىنقى شەرتى» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى غالىپ ئوسمان. بۈگۈنكى كۈندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۆكيار چۆللۈكىدە بارلىققا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان باغ - ئورمان كەسپىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ موغا يېتىپ، «شىنجاڭنىڭ چوڭ مېۋە پەتنۇسى»دا كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسىمغا ئايلاندى.

مەنپەئەتكە باغلاش مېخانىزمى ئورمان گۈزەل، ئادەملەر باي بولۇشنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى

كۆكيار ئەندىزىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئېكولوگىيە ئۈنۈمى جەھەتتىلا ئىپادىلىنىپ قالماي، باغ - ئورمان كەسپى ئۇزاق مەزگىللىك سىياسەت قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، دەل ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن مەنپەئەتكە باغلاش مېخانىزمى كۆكياردىكى بىپايان ئورماننى ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى ھەم بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ۋىلايەتتىكى باغ - ئورمان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي، «ئورمان بىلەن ئورماننى بېقىش» ئەندىزىسى ئارقىلىق كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىندى. گەن يۇڭۋېي دەل شۇ چاغدا دادىسى ۋە ئاكىسى بىلەن ئاقسۇغا كەلگەنىدى. «جاپالىق، ئىنتايىن جاپالىق ئىدى، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ ئورمان ئەي بولسىلا، پايدا ئۆزۈڭلارنىڭ بولىدۇ، دېگەن ۋەدىسىنى ئويلاپ، كېتىشكە كۆزىمىز قىيماي، يىلمۇيىل چىشىمىزنى چىشلەپ داۋاملاشتۇردۇق.» گەن يۇڭۋېي مۇنداق دېدى: 1999 - يىلىغا كەلگەندە، بىز ئالدىنقى ئون يىلدىكى تەننەرخنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالدۇق! 2000 - يىلى بىز ئۆز بېغىمىزدا ئاقسۇ شەھىرى بويىچە تۇنجى دېھقانلار ئارامگاھىنى ئاچتۇق. بۈگۈنكى كۈندە، دېھقانلار ئارامگاھىدىن بىر يىلدىلا 700 - 600 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز.

كۆكيار قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، سىياسەت پىشاڭى بىلەن جەمئىيەت كاپىتالىنى مەبلەغ سېلىشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش چۆللۈكنى كۆكەرتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسىگە ئايلاندى. 2013 - يىلى، پۇقراۋى كارخانىچى ۋاڭ شياۋپىڭ دەل 50 يىللىق مۇددىتى بار توختام ۋە نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتلەر بولغاچقا، دادىللىق بىلەن ئىشلەپ، ئونسۇ ناھىيەسىدە «بىڭشۆ مىسۈييۈەن» ئالمىنى ئىخچاملاشتۇرۇپ تىكىپ ئۆستۈرۈشتىن ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ ئالمىلىرى ئومۇميۈزلۈك مېۋىگە كىرىپ، بېيجىڭ، شاڭخەيدىكى سودىگەرلەر بەس - بەستە كېلىپ زاكاز قىلدى.

2012 - يىلىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى 500 مىليون يۈەن جەمئىيەت كاپىتالىنى كىرگۈزۈپ، 600 مىڭ مودىن ئارتۇق ئورمان بىنا قىلدى. كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدىن كېيىنكى ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى، كوڭتەيلىكتىن ئىبارەت مىليون مولۇق ئۈچ ئېكولوگىيەنى تۈزەش رايونىدا ئورمان بىنا قىلىش ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى. «ئېكولوگىيە ئورمىنى، ئىقتىسادىي ئورمان، مەنزىرە ئورمىنىدىن ئىبارەت ئۈچ ئورماننى ئورتاق بەرپا قىلىش» «سۇنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئورمان كۆلىمىنى بېكىتىش، ئورمان بىلەن ئورماننى بېقىش» «كىم تىكسە، شۇ پەرۋىش قىلىش، كىم مەبلەغ سالسا، شۇ پايدا ئېلىش» «بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش، سېتىۋېلىش شەكلىدە ئورمان بىنا قىلىش»... كۆكيار تەجرىبىلىرى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى باغ - ئورمان كەسپىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە ھالقىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېشىل كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى

يېشىل كەسىپنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، ئېكولوگىيە پايدىسىنى ئاندىن ئۈنۈملۈك ھالدا ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىنىڭ بىرى ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئورمان مەيدانى كۆكيار قۇرۇلۇشىنىڭ 2 -، 3 - قارارلىق ئاساسىي جەڭ مەيدانى. بۇ يەر ئاقسۇدىكى ئەڭ بالدۇر چىلان تىكىلگەن جاي بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ چىلىنىنىڭ «كۆچەت مەنبەسى» بولۇپ، چىلان بايلىقى ئامبىرىدىلا 240 خىلدىن ئارتۇق سورت بار. سورتلار موللىشىپ، مەھسۇلات مىقدارى كۆرۈنەرلىك بولغان چاغدا، تەجرىبە ئورمان مەيدانى ئەلا سۈپەتلىك مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى كەسىپلەشتۈرۈش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.

2016 - يىلى تەجرىبە ئورمان مەيدانى تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ ئاقسۇ تىيانشان شېنمۇ مېۋىچىلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بولۇپ قۇرۇلدى. بەش يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، شىركەت مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. «مۇھىت ھەممىدىن مۇھىم، يەر ۋە دەرەخنىڭ ھەممىسى پاكىز بولۇشى كېرەك. بىز پۈتۈنلەي بىيو ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىمىز، يەردە ئوت - چۆپ، سازاڭ بار. چاتاشمۇ قاتتىق كونترول قىلىنغان، مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىردەكلىكى كۈچلۈك بولغاچقا، تاۋارلىشىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ليۇ چياڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز بازار ئىزدىمەيمىز، بازار بىزنى ئىزدەيدۇ».

خۇڭچىپو جىنۋۇليەن ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ پاكىز، ئازادە سېخىدا، ھوسۇل ئېلىش پەسلى كەلسىلا، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار مېۋە ئايرىش ئۈسكۈنىلىرى توختىماي ھەرىكەتلىنىدۇ. ئىنچىكە پىششىقلاش سېخىدىكى نەچچە يۈز خىل يېڭى مەھسۇلات كۆرۈپ ئۈلگەرگۈسىز ئىدى. مۇئاۋىن باش دىرېكتور ۋاڭ جۈنبو بىر كىچىك قاپلىق سۇسىزلاندۇرۇلغان ئالما ياپراقچىسىنى ئېلىپ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ 100 گىراملا كېلىدۇ، ئەمما سەككىز يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، بىر كىلوگىرام ئالمىنىڭ باھاسى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇمچە قىممىتىنى ئاشۇرۇش يېشىل ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە يەرلىك كەسىپ ئىشچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى».

كەسىپ ئىشچىلىرى سېخلاردىلا ئەمەس، يەنە ئېتىزلاردىمۇ بار. باغۋەنچىلىك چوڭ ئائىلىسى، كارخانا باشلامچى بولۇش، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تارقاق ئائىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن ئەمەلىي سېتىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت زامانىۋى باغ - ئورمان كەسپى ئەندىزىسى ئاقسۇ ۋىلايىتى باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، نەچچە مىليون مو بىپايان ئورمانلىقنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدۇرماقتا. باغنى ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىغا ئوبوروت قىلىپ بېرىپ، كەسىپ ئىشچىسى سالاھىيىتى بىلەن قايتىدىن قايتىپ كەلگەن باغۋەنلەردىن تەشكىللەنگەن باغ - ئورمان چاتاش، كېسەللىك، زىيانداش ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق كەسپىي قوشۇنلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمانچىلىق سەھنىسىدە جانلىنىپ، كۆكيارنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئومۇملاشتۇرىدۇ.

كۆكياردىن باشلانغان كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك ئۈلگە كۆرسىتىش بېغىدىن 1576سى، دۆلەت ئورمان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن 2 مىليون مو قۇرۇلدى؛ خۇڭچىپو ئالمىسى، باۋيۈەن ياڭىقى، تيەنشەنگۇڭ چىلىنى جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركا مەھسۇلاتى بولۇپ باھالاندى، ياڭاق، نەشپۈت كەسپىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باغ - ئورمان كەسپى دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەۋزەل، ئۆزگىچە كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى؛ جېجياڭ، شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا 2000دىن ئارتۇق ماركىتېڭ تور نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، جېجياڭ، شاڭخەينى مەركەز قىلغان چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى رايونىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ماركىتېڭ تورى شەكىللەندۈرۈلدى.

شۇ جايدىكى پۇقرالار ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچىگە ئايلاندى. 2019 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى دېھقانلارنىڭ باغ - ئورماندىن قىلغان ساپ كىرىمى 5015 يۈەنگە يېتىپ، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ %31ىنى ئىگىلىدى. باغ - ئورمانچىلىقتىن ئىبارەت پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت ئامما ئورتاق بەرپا قىلغان بۇ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئالتۇن تاغ، كۈمۈش تاغقا ئايلاندى، ئۇ يەنە ئۈزلۈكسىز تۈردە كەلگۈسى ئۈچۈن تېخىمۇ مول ئېكولوگىيە بايلىقى ۋە ئىقتىسادىي بايلىق توپلاۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى