تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

«ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك

چېن چۈەنگو قارامايدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

«ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قارامايدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو قاراماي نېفىت خىمىيە شىركىتىنىڭ 2 - نومۇرلۇق مەركىزىي كونترول قىلىش ئىشخانىسىدا ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قارامايدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچ يىغىش، كۈچ توپلاش، كۈچ ئېلىشقا، ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىش، ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىشكە ماھىر بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك.

قاراماي نېفىت خىمىيە شىركىتى يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك − قاراماي نېفىتلىكىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ قۇرۇلغان زاۋۇت بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزنىڭ قويۇق ماي پىششىقلاش بازىسى ۋە ئالىي دەرىجىلىك سىلىقلاش مېيى، ئاسفالت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندى. چېن چۈەنگو زاۋۇت رايونىغا كىرىپ، كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۇلارنى داچىڭ روھى، تۆمۈر ئادەم روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نېفىت ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش داۋامىدا يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

قاراماي شەھىرى 100 مىلياردلىق كەسىپلەر توپى ئىشخانىسىدا، چېن چۈەنگو پۈتۈن شەھەرنىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش، كارخانا يېتىشتۈرۈش، كەسىپلەر يىرىك پىلانى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچى، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئالدىنقى سېپىنى چىڭ كۆزلەپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە، ئادەم كۈچى بايلىقى ماس تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك.

قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونى ئاپتونوم رايوننىڭ «تىيانشان بۇلۇتى» پىلانىدىكى يادرولۇق بازا، شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بىردىنبىر بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونى. چېن چۈەنگو بۇ يەرگە كېلىپ، باغچە رايونى يىرىك پىلانى، تىجارەت باشقۇرۇش، ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى، تور تېخنىكىسى جەھەتتىكى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا قاراماي شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاراماينىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئېغىزلار، نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا دەل جايىدا، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا بوشاشماسلىق كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مىقدارى، سۈپىتىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشتا بوشاڭلىق قىلماسلىق كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىغا ياردەم بېرىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا قەدەمنى توختاتماسلىق كېرەك. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا تەۋرەنمەسلىك كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ليۇ جيەنشىن قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.