تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2020 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىخەتەر، تەكشى، سىلىق ئاخىرلاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2020 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىخەتەر، تەكشى، سىلىق ئاخىرلاشتى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 229 مىڭ 300 ئادەم بولۇپ، 71 ناھىيە(شەھەر، رايون)دە جەمئىي 93 ئىمتىھان رايونى، 235 ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىندى.

نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئالاقىدار خادىملار ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەستايىدىل، ئىنچىكە بولۇپ، ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلدى، ئىمتىھان مەيدانىنىڭ تەرتىپى تەرتىپلىك بولۇپ، «ساغلام ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» «ئادىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» «سەمىمىي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» «ئىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» «تىنچ - ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» نىشان - ۋەزىپىسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۇ يىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانى ئىمتىھان ئىشلىرى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ 93 ئىمتىھان رايونىدا ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەرلىك، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چارلاپ تەكشۈردى. ھەر دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمىتىگە ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلدى. ئىمتىھان مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشتىكى ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كاپالەتلىك قىلدى، قوغدىدى.

ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپى بويىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بىردەك مەخسۇس ئايرىۋېتىلگەن ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى تولۇق، يېتەرلىك تەييارلانغان.

ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مۇلازىمەتنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىمتىھان بېرىشتىن بۇرۇن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان بىر پارچە خەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش يېشىل يولى»نى ئېچىپ، كىملىكنى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقى قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جىددىي ئەھۋالدا يول يۈرۈش قاتارلىق قولايلىقلارنى پائال يارىتىپ بەردى؛ «قۇتقۇزۇش يېشىل يولى» ئېچىپ، كاشىلا ۋە قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان ئىمتىھان نۇقتىسىغا يەتكۈزۈش ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا دەرھال قاتناش ساقچىسى ئەۋەتىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئاپتوموبىل ئالاقىلىشىپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان نۇقتىسىغا يەتكۈزدى؛ «ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش يېشىل يولى» ئېچىپ، 173 مېيىپ ئوقۇغۇچىنى چوڭ خەتلىك ئىمتىھان قەغىزى، ئىمتىھان مەيدانىغا ئالدىن كىرىش، تىڭشىغۇچ تاقاش قاتارلىق مۇۋاپىق قولايلىقلار بىلەن تەمىنلىدى؛ ئىمتىھاندىن بۇرۇن تاسادىپىي يارىلانغان ياكى تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ قالغان 143 ئوقۇغۇچىنى 62 زاپاس ئىمتىھان مەيدانى، تېببىي خادىملار ھەمراھ بولۇش قاتارلىق ئادىمىيلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىدى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بەردى ۋە ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى