تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«جاھىل كالا» خوۋ ماۋماۋ بېيىش يولىغا ئاتلاندى

«بىنەپشە رەڭلىك ئىقتىساد» قورغاستىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى

«جاھىل كالا» خوۋ ماۋماۋ بېيىش يولىغا ئاتلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، گې يوۋجۈن، ۋاڭ جېن، لۈ يىخەن، جاڭ ئاۋ

قورغاس ناھىيەسىدىكى ئۈستىقۇددۇس مۇزېيىنىڭ مەھسۇلات كۆرگەزمە رايونىدا، خىزمەتچى خادىملار ساياھەتچىلەرگە ئۈستىقۇددۇس مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرماقتا (6 - ئاينىڭ 61 - كۈنى تارتىلغان).

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)

ياز كۈنلىرىدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا، كۆگۈرچىن تاغ تىزمىسى كەڭ غۇلاچ يېيىپ، ئۈستىقۇددۇس بىنەپشە رەڭگە كىرگۈزگەن كەنتنى قوينىغا ئالدى.

ئۈستىقۇددۇس تېرىلغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇسۇگۇڭ بازىرى سىگۇڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى خوۋ ماۋماۋ بۇ گۈزەل مەنزىرىنى تولا كۆرۈپ كۆنۈپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىلگىرى كەنتتىكىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان بۇ «بىنەپشە رەڭ گۈللەر»دىن ئىشلەپچىقىرىلغان جەۋھەر ماينىڭ يىراقتا ياۋروپا، ئامېرىكىغىچە سېتىلىدىغانلىقى، يەنە ئۇنىڭدەك ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن بۇ نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېسىدە بار، سىگۇڭ كەنتىنىڭ يەنە بىر ياڭراق نامى − تاش كەنت. «تاشلىق ساھىلغا زىرائەت تېرىپ، بىر يىلدا نەچچە قېتىم سۇغارسىمۇ تۈزۈكرەك ھوسۇل ئالغىلى بولمايتتى، بېيىماقچىمۇ؟ چۈش كۆرگەنلىك!» 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى گەنسۇدىن شىنجاڭغا كەلگەن 64 ياشلىق خوۋ ماۋماۋ يۇرتىنىڭ تەلەپپۇزىنى ھېلىھەم ئۆزگەرتمىگەنىدى.

نامرات يىگىتلەر خوتۇن ئالالمايتتى، كەنتتىكى قىزلار بېشىنى يېرىپ بولسىمۇ ياتلىق بولۇپ چىقىپ كېتەتتى. بۇ تۇپراقتا نەچچە ئون يىل ياشىغان خوۋ ماۋماۋ غەربىي شىمال يىگىتلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئاشۇ قەيسەر روھ بىلەن، 13 مو يەر ۋە ئازغىنا ھوسۇلغا تايىنىپ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلدى.

«باشقىلار چۈشكە يېقىن ئاندىن ئېتىزلىققا قاراپ ماڭىدۇ، مەن تاڭ يورۇماستىنلا ئۆيدىن چىقىمەن، ياز كۈنلىرى چۈشتىمۇ ئارام ئالمايمەن، بىر تاۋۇز نەچچە موما بىلەنلا قورساقنى تويغۇزىمەن. بىز دېھقانلار يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىمىز، سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ، قورساقنى تويغۇزۇشنىلا ئويلايمىز!» خوۋ ماۋماۋنىڭ قارامتۇل تېرىسىگە يىللارنىڭ ئىزنالىرى چوڭقۇر قورۇق بولۇپ ئورناپ كەتكەنىدى.

بۇ مەزگىل، پروۋېنس، بېيخەيداۋدىن ئىبارەت ئۈستىقۇددۇس چىقىدىغان ئىككى چوڭ جاي بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك كەڭلىكتە بولۇش، تېرىپ ئەي قىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇشتەك تەبىئىي ئەۋزەللىك ئۈستىقۇددۇسنى ئاساس قىلغان خاس تېرىقچىلىقنى قورغاس ناھىيەسىدە يىلتىز تارتقۇزدى. «باشقىلار تېرىيالايدىكەن، بىزنىڭ كەنتتە نېمىشقا بولمايدۇ؟!» 2010 - يىلى سىگۇڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پەن لىن ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىنىڭ يېرىنى تۈزلەپ، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى باشلاپ ئۈستىقۇددۇسنى سىناق قىلىپ تېرىدى.

«<ئوت - چۆپ> تېرىغاندا، زىرائەت تېرىغاندىكىدىن كۆپ پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟!» «كۆممىقوناقنىڭ شاخلىرىنى يىغىۋېلىپ، يەنە ئات - ئۇلاغلارنى باققىلى بولىدۇ، ئوت - چۆپلەرنى يىغقاندا ھېچ نەرسە قالمايدۇ»... كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۆزىتىپ تۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈستىقۇددۇس تېرىغان قوشنا كەنت قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئۈنۈمىنى كۆرەلمەي، بىر يىلدىن كېيىن، قايتىدىن زىرائەت تېرىدى.

ئىرادىلىك كىشى نەتىجە قازىنىدۇ. ئىككىنچى يىلى سىگۇڭ كەنتىدىكى ئۈستىقۇددۇستىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، مو بېشى پايدىسى ئادەتتىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى بولدى، بۇنىڭ بىلەن، ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمىگەن خوۋ ماۋماۋ كەسكىنلىك بىلەن تىزىملىتىپ، كەنتتىكى 1 - تۈركۈمدە ئۈستىقۇددۇس تېرىغان دېھقان ئائىلىسىگە ئايلاندى.

«كەنتتىكىلەرنىڭ دېمىگىنى قالمىدى، خوتۇنۇم مېنىڭ ئەگرى يولدا مېڭىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ، مېنى <جاھىل كالا> دەيدىغان بولدى. بىز جاپاغا چىداپ ئىشلەشكە رازىمىزكى، ئەمما جاپالىق ئۆتۈشنى خالىمايمىز!» ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ، خوۋ ماۋماۋ يەرنى قاتتىق تەپتى.

كەچلىك مەكتەپتە، ناھىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەر دېھقانلارغا ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈردى. خوۋ ماۋماۋ لىققىدە خەت يېزىلغان كىچىك دوسكىدىن كۆزىنى ئۈزمەي تىكىلىپ تۇراتتى، «بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇرمۇشتا ئۇنىڭغا تايىنىمىز، بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ!»

تېخنىكىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۈستىقۇددۇس سورتىنى تاللاش يەنە كۆز ئالدىدىكى مەسىلە بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا، كەنتتىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، ماي چىقىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئاق گۈللۈكىنى تاللىدى، ئەمما ئۆگىنىش ئارقىلىق خوۋ ماۋماۋ كۆك گۈللۈكىنىڭ جەۋھەر ماي سۈپىتىنىڭ ئاق گۈللۈكىدىن ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدى. ئۇ بىراقلا 13 مو يېرىنىڭ ھەممىسىگە سۈپىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان فىرانسىيە كۆك گۈللۈك ئۈستىقۇددۇسى تېرىدى.

كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردەم بېرىشى - يۆلىشى بىلەن، خوۋ ماۋماۋ مو بېشى كىرىمدە «ھالقىما تەرەققىيات»نى ئىشقا ئاشۇردى، «ھەر مو يەردىن ئوتتۇرىچە 600 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدىم، لېكىن تاماشا كۆرۈۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ كۆزى قىزاردى!» گۈل ئېتىزىدا خوۋ ماۋماۋنىڭ خۇشخۇي كۈلكىسى ياڭرىدى.

2014 - يىلى، سىگۇڭ كەنتى زور كۆلەمدە ئۈستىقۇددۇس تېرىدى، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى ۋە بازار ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ئەگىشىپ، مو بېشى پايدىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، 3000 يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈپ تەدبىرى قىلىپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى+كارخانا+دېھقان ئائىلىسى+ئېلېكتىرونلۇق سودا» ئايلىنىش ئەندىزىسىنى باشلاپ، ئۈستىقۇددۇسنىڭ سېتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، خوۋ ماۋماۋ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، 120 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆي سالدى، سىگۇڭ كەنتىمۇ 2017 - يىلى پۈتۈن گەۋدە بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن كەنتتىكى 12 مىڭ 532 مو تېرىلغۇ يەردىكى ئۈستىقۇددۇس تېرىلغۇ كۆلىمى 12 مىڭ موغا يەتتى، قورغاس ناھىيەسىدە ئۈستىقۇددۇس تېرىلغۇ كۆلىمى 56 مىڭ موغا يېتىپ، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، 101 ئائىلىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئۈستىقۇددۇس تېرىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. يۇقىرى ئېقىمدا ئۈستىقۇددۇس خام ئەشياسى تېرىلغۇ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى تەدرىجىي ئاشتى، ئوتتۇرا ئېقىمدا ئۈستىقۇددۇس يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى كۈنسېرى موللاشتى، كۆپ خىللاشتى، تۆۋەن ئېقىمدا يېمەك - ئىچمەك، ياتاق قاتارلىق 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

«نامراتلىق يىلتىزى»نى قومۇرۇپ تاشلاپ، سىگۇڭ كەنتى يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 40 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئۈستىقۇددۇس خەلقئارا مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزۈشنى تۇتقا قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى كەنتى» «دۆلەت دەرىجىلىك گۈزەل ئىستىراھەت يېزا - كەنتى بەرپا قىلغان كەنت» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

ئۈستىقۇددۇس تېرىغاندىن باشقا، خوۋ ماۋماۋ ئائىلىسىدىكىلەر يەنە كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ، بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى، ئەمما ئۇ يەنە تېخىمۇ بىر چوڭ ھېسابات قىلماقتا.

«ھازىر كەنتتىكىلەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە تايىنىپ پۇقراۋى قونالغۇ سالدى، مەنمۇ سىناپ باقماقچى بولۇۋاتىمەن. بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.» خوۋ ماۋماۋنىڭ ئارقىسىدىكى كۆگۈرچىن تاغ تىزمىسى بىر قەۋەت ناھايىتى گۈزەل شەپەق تونىغا ئورالغان بولۇپ، ئەتە يەنە بىر ياخشى ھاۋا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. ھالبۇكى، «جاھىل كالا» خوۋ ماۋماۋنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىمۇ ماڭغانسېرى كېڭەيمەكتە، بۇ بىنەپشە رەڭلىك تۇپراقتا، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ داغدام يولى ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى