شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى گاۋچياۋ كەنتىگە جايلاشقان كېشياڭ تۆگىقۇش باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2010-يىلى قۇرۇلغان، جەمئىي 126 ئەزا بار بولۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ كوپىراتىپ ساتقان تۆگىقۇش مەھسۇلاتلىرى گۆش، تۇخۇم، تېرە، پەيدىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ۋاكالىتەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن خۇرۇم سومكا، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ. شۇ جاينىڭ سىياسەت جەھەتتە قوللىشىدا، كوپىراتىپ مەسئۇلى تيې بۇخۇا يەنە باقمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، ئېكولوگىيە ساياھىتى بىر گەۋدە قىلىنغان تۆگىقۇش ئېكولوگىيە باغچىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ بېيىشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىرلىكتە ھاللىق تۇرمۇشقا قاراپ ماڭدى.
تۇخۇمدىن چىققىنىغا ئۇزۇن بولمىغان تۆگىقۇشنى بېقىش.(تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى)
تۆگىقۇشلارنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش.(تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى)
تۆگىقۇشلارغا يەم بېرىش.(تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى)
ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بېقىلغان تۆگىقۇشلار.(تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى)
تۆگىقۇش تۇخۇمى ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى.(تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى)
خەلق گېزىتى تېرمىنالى شىنجاڭ قانىلىدىن تەرجىمە قىلىندى