بالىلار شىگۇەنفاڭ كەنتىدىكى چېنىقىش سايمانلىرى رايونىدا ئوينىماقتا(7-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تيەنجىن شەھىرى جىننەن رايونى شۇاڭچياۋخې بازىرى شىگۇەنفاڭ كەنتى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەنت قىياپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى. كەنت ھاجەتخانا ئىنقىلابى، تۇرۇبا سۈيىنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش، غول يوللارنىڭ ھەممىسىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، مۇھىتنى يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شۇاڭچياۋخې بازىرىدىكى «گۈزەل ئىلغار كەنت»كە ئايلاندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىگۇەنفاڭ كەنتى داۋاملىق شياۋجەن شېلى تېرىقچىلىقى ۋە شال قىسقۇچپاقىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ بېقىش، جۈنزىلەن ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارلىق ئۈلگىلىك يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ئادەملىرى خۇشال، كەسىپلىرى گۈللەنگەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىكەن.
(لى رەن فوتوسى)
شىگۇەنفاڭ كەنتىدە، ئىشچىلار ئۆستۈرگەن جۈنزىلەننى پەرۋىش قىلماقتا(7-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان).
شىگۇئەنفاڭ كەنت ئاھالىلىرى مېھمان ئۇزاتماقتا(7-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان).
شىگۇئەنفاڭ كەنت ئاھالىسى ئۆيىدىكى تازىلىق ئۆيىدە قول يۇيماقتا(7-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان).