تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ جىگاڭ، لۇ شىنشى خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شىرىنزا يېزىسى گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونىدا، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئات مىنىپ، قۇلۋاق ھەيدەپ، قىچىزارلىقتا سۈرەتكە چۈشۈپ، يايلاق سۇلۇق يېرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇر ئالدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىلى 11-ئايدا، گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغان. بۇ يىل مەنزىرە رايونى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ۋە ئۆزگەرتىشكە 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، ۋاقتى كەلگەندە، گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونى گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھەلىرىگە تايىنىپ، كەڭ ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىكەن.