تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر ما لۇڭ، قەلبىنۇر): 7-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدە 200 توننا تاۋۇز قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئەترىتى گۇاڭجوۋغا قاراپ يولغا چىقتى، بۇ كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تاۋۇزىنى بىۋاسىتە سېتىش پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يېقىندىن بۇيان، كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى قوغۇنچى دېھقانلار ۋە قەشقەر جياڭنەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى خىزمەتچىلەر ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، دېھقانلار كۆڭۈل قويۇپ ئۈزگەن تاۋۇزلار جياڭنەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا توشۇلدى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى يەنە تاۋۇزلارنى ئەستايىدىل ئايرىپ، بەلگە چاپلاپ، يەشىككە قاچىلاپ ئوراپ، سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ۋاقتىدا گۇاڭجوۋغا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.
بۇ تاۋۇزلارنى سېتىشقا تەشكىللىگەن گۇاڭجوۋدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كارخانىسى ___ قەشقەر جياڭنەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى بۇلتۇردىن باشلاپ گۇاڭجوۋدىكى ھەرقايسى چوڭ توپ سېتىش بازارلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، جياڭنەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدا ئۈزۈش بازىسى قۇرۇپ، زاكاز تالونى، تاۋار ئۆلچىمىنى بېكىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخنىك تەكلىپ قىلىپ، پۈتۈن مۇساپىلىك يېتەكچىلىك قىلىپ، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتتى.
ھازىر، گۇاڭجوۋ شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تاۋۇز زاكاز تالونى يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 3000 توننىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.