تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەنتكە «سىرداش يىگىت» كەلدى

ياشىن تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ شيا، ئىختىيارىي مۇخبىر مېڭ جىڭۋېن خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىر ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى توپلۇق يېزىسى قارايانتاق كەنتىدىكى دېھقان روشەنگۈل ھۈسەننىڭ ئۆيىگە بارغاندا، بىر يىگىتنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا غازاڭ تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆردى. روشەنگۈل ھۈسەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «يىگىتنىڭ ئىسمى جاڭ بىن، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ ھەر قېتىم ئۆيگە كەلگەندە، توختىماي ئىش قىلىدۇ، ئۇنىڭغا قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي قالىمەن».

كەنتتە تۇرغان ئىككى يىلدىن بۇيان، جاڭ بىننىڭ سىيماسى دېھقانلارنىڭ ھويلا ـ ئارانلىرى، ئېتىز ـ ئېرىق بويلىرىدا كۆزگە تاشلىنىپ، ئاممىنى غەمدىن خالاس قىلدى...

بىر قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا، جاڭ بىن روشەنگۈل ھۈسەننىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بارلىقىنى بايقىدى، ئۇ ھەم ئۆيىدىكى 13 مو يەرنى باشقۇرۇپ، ھەم ئىككى بالىنىڭ ئوقۇشىغا قارايتتى، ئېرى تۇلاۋۇدۇن دايىم قوشنا كەنتتىكى دېلى ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتىدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ، كىرىمى ئۆيىنى ئارانلا قامدايتتى.

2018-يىلى 11-ئاينىڭ بىر كۈنى، تۇلاۋۇدۇن دايىم تۇيۇقسىز ماغدۇرسىزلىنىپ كارىۋاتتىن چۈشەلمەي، روشەنگۈل ھۈسەننى قورقۇتىۋەتتى. جاڭ بىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تۇلاۋۇدۇن دايىمنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2 ـ خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتقان بولسىمۇ، كېسىلى ياخشىلانمىدى. جاڭ بىن كەسكىنلىك بىلەن تۇلاۋۇدۇن دايىمنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ داۋالىنىش خىراجىتىدىنلا 80 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل خەجلىدى، بۇ ئۇنىڭ ئەسلىدىلا باياشات بولمىغان ئائىلىسىنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. جاڭ بىن تۇلاۋۇدۇن دايىمنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق داۋالىنىشىغا يەنە 20 ~ 30 مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ بىر ئائىلىدىكى تۆت كىشىگە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئىلتىماس قىلدى ھەم روشەنگۈل ھۈسەنگە ئاشخانىدا ئايدا 2000 يۈەن ئىش ھەققى بېرىدىغان خىزمەت تېپىپ بەردى.

خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، جاڭ بىن داۋالاش، قۇتقۇزۇشتا «بىر بېكەت شەكلى»دە دوكلات قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى پائال يولغا قويۇپ، كەنت شىپاخانىسىغا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ۋە قان بېسىمىنى قەرەللىك ئۆلچەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كېسەلنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساغلاملىق، تازىلىق بىلىملىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى ئۆستۈردى.

«كەنت ئاھالىسى ئامانگۈل روزىنىڭ ئۆيىدە بەش جان بار، ئېرى يەر تېرىيدۇ، ئۈچ بالىسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. بالىلارنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، پۇل ئىشلىتىدىغان جايلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئائىلىنىڭ كىرىمى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان ئىدى... كەنت ئاھالىسى ئەخەت سەمەت ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خىزمىتى يوق، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۇزاق مۇددەتلىك بىر پىلانىمۇ يوق... » بۇ يىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەزگىلىدە، جاڭ بىننىڭ خاتىرە دەپتىرىگە ئاممىنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىق، دەۋا تەلەپلىرى خاتىرىلەنگەن ھەم ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانى تەپسىلىي تۈزۈلگەن ئىدى.

جاڭ بىن ئامانگۈل روزىغا ئورمانلىقتا توخۇ بېقىش تەكلىپىنى بېرىپ، لاپاس ياساپ، قوتان سېلىپ، ئۇنىڭغا باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى، پۈتۈن مۇساپىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، چۈجىلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 5 ـ ئايدا، ئامانگۈل روزى 180 نەچچە توخۇ سېتىپ 2700 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى.

«ھېلىمۇ ياخشى جاڭ بىن بار ئىكەن، بېغىمىزدىكى توخۇلارنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولدى، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر بىرىدىن 15 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپالايمىز، بۇنداق بولغاندا بىر يىلدا ئىلگىرىكىدىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز» دېدى ئامانگۈل روزى.

ئۇنىڭدىن باشقا، جاڭ بىن يەنە مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش تېخنىكىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەندى، ھەر ھەپتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، كۆپچىلىك بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جەمئىي 13 كەنت ئاھالىسىنى تەربىيەلىدى. «<باشقىلارغا بېلىق بەرگەندىن كۆرە، باشقىلارغا بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن ياخشى> ، تېخنىكا بولغاندا كەنت ئاھالىلىرى تەبىئىي ھالدا بېيىيدۇ» دېدى جاڭ بىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

«جاڭ بىن چىن كۆڭلىدىن ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى» كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئەخەت سەمەت تەسىرلەنگەن ھالدا شۇنداق دېدى. يېڭى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ۋاقتىدا، كۈنبويى دوستلىرى بىلەن بىكار يۈرۈپ ۋاقىت ئۆتكۈزەتتى، ئۇنىڭ غېمىدە دادىسىنىڭ چاچلىرىمۇ ئاقىرىپ كەتكەنىدى. جاڭ بىن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ غايىگە بولغان ئىنتىلىشى ۋە خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى تاپتى.

جاڭ بىن ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ياردەم بېرىشى بىلەن، كەنت ئاھالىسى غۇلام تۇرغۇن يېزا بازىرىدا توكسىكلىت مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئېچىپ، كۈنىگە 300 يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلدى؛ ئابدۇسەمەت ئابلا ئىسمى-جىسمىغا لايىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋاسىتىچىسىغا ئايلاندى...

جاڭ بىن يەنە قەرەللىك ھالدا كەنتتىكى ياشلارنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنى تارىخ، سىياسەت، ماھارەت ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى...

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى