تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خېبېي شىجياجۇاڭ: ئىلگىرىكى ئەخلەت مەيدانى شەھەرنىڭ «يېشىل ئوكسىگېنخانا»سىغا ئايلاندى

  7-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھىرى لۇچۈەن رايونىدىكى لۇڭچۈەنخۇ كۆلى سۇلۇق يەر باغچىسىدا، بىر ساياھەتچى مەنزىرە تاماشا قىلغاچ سۈرەتكە تارتماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرى لۇچۈەن رايونىغا جايلاشقان لوڭچۈەنخۇ سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 5000 مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، شەھەردە بەرپا قىلىنغان بىر قەدەر چوڭ كۆلەمدىكى شەھەر سۇلۇق يەر باغچىسى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىجياجۇاڭ شەھىرى «شەھەر مەنزىرە ئىچىدە بولۇش، مەنزىرە شەھەر ئىچىدە بولۇش، تاغ-دەريالارنى كۆرگىلى بولۇش» تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق، كۆپ يىل توپلىشىپ قالغان كېرەكسىز ئەخلەت ئازگىلىنى سۈيى سۈزۈك، ئوت-چۆپلىرى يېشىل ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر باغچىسىغا ئۆزگەرتتى. ئىلگىرىكى ئەخلەت مەيدانى «تەبىئىي ئوكسىگېنخانا»ىغا، شەھەر ئاھالىلىرى سەيلە قىلىدىغان، ئارام ئالىدىغان، بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.(چېن چىباۋ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى