7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ۋېنئەن ناھىيەلىك يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزىدە، پىدائىي بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2019- يىلىدىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرى ۋېنئەن ناھىيەسى مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كۆپ خىل پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى. نۆۋەتتە، ۋېنئەن ناھىيەسىدە ناھىيە دەرىجىلىك يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزىدىن بىرى، يېزا-بازار(كوچا) مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئورنىدىن 13ى، كەنت(مەھەللە) مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتىدىن 246سى قۇرۇلدى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.(لى شياۋگو فوتوسى)
7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ۋېنئەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق كەسىپلەر باغچىسى بېيگۇاڭجوۋ كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى پىدائىي(ئوڭدىن 1-كىشى)نىڭ يېتەكچىلىكىدە يوگا مەشىق قىلماقتا.