تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ شەنبىن): شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسى بۇ يىل يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى پائال يېڭىپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى چىڭ تۇتتى، ھازىرغا قەدەر نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا.
شىنجاڭ چاڭخۇڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش تۈرى ماناس ناھىيەسى بۇ يىل قۇرغان قىلغان نۇقتىلىق سانائەت تۈرى بولۇپ، بۇ تۈردە يىلىغا 80 مىڭ ئېگىز، تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتىر ئىستولبىسى، ئېلېكتىر مۇنارى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە زاۋۇت بىناسى، ئىشخانا بىناسى قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەر يېڭىدىن ئورنىتىلىدۇ ۋە سېلىنىدۇ، نۆۋەتتە، پۈتكۈل زاۋۇت رايونىنى ئايرىش قۇرۇلۇشى ۋە 1-نومۇرلۇق زاۋۇت بىناسىنىڭ ئۇل كولاش خىزمىتى تاماملىنىپ، مەيدان سىرتىدىكى شېغىل يول ياسالماقتا.
بۇ يىل، بۇ ناھىيە 60 تۈرنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى(بۇنىڭ ئىچىدە داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقىنى 20، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغىنى 40)، بۇ تۈرگە جەمئىي 3 مىليارد 991 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، بۇ بىر يىلدا 2 مىليارد 26 مىليون مەبلەغ سېلىنىپ، بۇلتۇرقىدىن %73.16 ئاشۇرۇش پىلانلاندى. ھازىرغا قەدەر، 58 تۈردە قايتا ئىش باشلاندى(داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 20، يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 38)، ئىش باشلاش نىسبىتى %96.7 بولدى.
تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ماناس ناھىيەسى بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىش باشلانغان ۋە تەڭشەلگەندىن كېيىنكى تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا تەڭشىدى. يىغىلىپ قالغان مەسىلىلەرنى جەملەپ رەتلەش ھەمدە قاراتلىمىقى بولغان تەكلىپ-تەدبىر ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈر ئىگىلىرىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈردى.