7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولدى.
تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پىراكتىكانت مۇخبىر ما زىچيۇڭ): بۈگۈن (7-ئاينىڭ 10-كۈنى) پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ شامال ئېغىزلىرىدا توققۇز بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، تۇرپان شەھىرىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 بولىدۇ، باشقا جايلاردا تېمپېراتۇرا ℃35تىن تۆۋەن بولىدۇ، بىراق ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ كېيىن بۇلۇتلىنىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃28، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20 بولىدۇ، شامال كۈچى ئۈچ بال بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىمۇ ئۈرۈمچىدە ھاۋارايى ياخشى بولۇپ، سىرتقا چىقىشقا ماس كېلىدۇ.
بۈگۈن پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ℃35تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرالىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G30 لىنىيەسى ۋە G312 لىنىيەسى تۇرپان-پىچان بۆلىكى، G314 لىنىيەسى شياۋساۋخۇ-توقسۇن بۆلىكى، G218 لىنىيەسى لوپنۇر-چاقىلىق بۆلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە G30 لىنىيەسى ۋە G312 لىنىيەسىنىڭ تۇرپاندىن پىچانغىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ شياۋساۋخۇدىن توقسۇن بۆلىكىگىچە بولغان قىسمەن رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37تىن يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ تاشيول قاتنىشىغا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.