تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى  ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، سۈي جىجيەن

7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدا، باش شۇجىغا خەت يازغان قىسمەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار يان تېلېفون ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنى ئۆگەنمەكتە.

(دەي شۈخۇ فوتوسى)

«باش شۇجى بىزگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپتۇ!» 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ساۋاقداشلار روھلانغان ھالدا كىشى قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان بۇ خەۋەرنى يەتكۈزمەكتە ئىدى.

تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تاۋلىدى، ئۆسۈپ يېتىلدۈردى. ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغاندا، بۇ مەكتەپتىكى 118 نەپەر شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدا قېلىشنى تاللىغان ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، داشۆدىكى تۆت يىللىق ئۆگىنىش ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى ھاسىلاتلىرىنى دوكلات قىلىپ، غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشتەك كۈچلۈك ئىرادىسىنى بىلدۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۇلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، پۇختا قەدەم ئېلىپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ غايە - ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇش توغرىسىدا ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى يوللىدى.

«ئالىي مەكتەپ ھاياتى بىلەن خوشلىشىپ، جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئىسسىق قانلىرىم ئۇرغۇپ، چەكسىز ھاياجانلاندىم.» 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ياڭ جىڭدۇڭ باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنى قايتا - قايتا كۆرۈپ، روھلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ، ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى، ئۆمۈر بويى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان سەمىمىي تاپشۇرۇق».

ليۇ گېنجى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يازغان 118 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئىزچىل خۇشاللىققا چۆمدى. باش شۇجىغا خەت يېزىشتىكى ئەسلىي مەقسىتىنى ئەسلىگەندە، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇ بىزنىڭ ئەڭ سەمىمىي ئويىمىز، بىز قەلب سادايىمىزنى باش شۇجىغا ئېيتىشنى ئويلىدۇق».

بۇ ئوقۇغۇچىلار ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن شىنجاڭغا ئوقۇشقا كەلگەن، تۆت يىل جەريانىدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى شىمالىدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى. «شىنجاڭ ھەقىقەتەن ياخشى جاي.» ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى گو دافا مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، خەلق خاتىرجەم ياشايدىكەن، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولۇپ تۇرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلىغا ئەگىشىپ، ئىناق، مۇقىم شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە جەزمەن بىز ياشلارنىڭ كۈرەش قىلىشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشى بولۇشى كېرەك، ياشلىق باھارىمىزنىڭ ئىزىنى قالدۇرۇشىمىز كېرەك».

بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىدە شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرى يېپيېڭى ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنىۋاتقان، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئۇرغۇتۇلۇۋاتقان ئۈمىدكە تولغان مۇنبەت تۇپراق. ليۇ گېنجى مۇنداق دېدى: «ئوقۇش پۈتكۈزۈش پەيتىدە، بىز بۇ مۇنبەت تۇپراقتا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەردىن خۇرسەن بولدۇق، قەتئىي ھالدا شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىشنى تاللاش بىلەن بىللە، بىزدە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىش ئويى تۇغۇلۇپ، كۆپچىلىكنىڭ غەربىي قىسىمنى تىرىشىپ ياخشى گۈللەندۈرۈش ئىشەنچىسى، ئىرادىسىنى باش شۇجىغا ئېيتىشنى ئويلىدۇق».

«بىزنى بۇ يەردە ئېلىپ قالغىنى يەنە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭگو نېفىت داشۆسىدىكىلەرنىڭ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى.» ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى سۇڭ زېچى جۇڭگو نېفىت داشۆسىنىڭ ئاساسى بولغان بېيجىڭ نېفىت شۆيۈەنىنىڭ 1957 - يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك بۇرغىلاش كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەڭ قايىل ئىدى. ئۇلار تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن شىنجاڭغا كەلگەن، ئۇلارنىڭ كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان ھېكايىلىرى تاھازىرغىچە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تارقالماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ 118 نەپەر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدا قېلىپ، چېگرا رايوندا تۆھپە يارىتىشنى تاللىدى. «بىز <قاراماي ناخشىسى>نى داۋاملىق ئېيتىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كەڭ زېمىنغا ئاتلىنىمىز» دېدى سۇڭ زېچى.

«بۇنچىۋالا كۆپ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنىڭ شىنجاڭدا قېلىپ، غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىشنى خالىغانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم.» ئوقۇتقۇچى شيې چىڭبىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: مەن داۋاملىق تۈردە ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، ئاساسىي قاتلامغا ئاتلىنىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتى مەكتىپىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم مىزانى.» جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى چېن دائېن مۇنداق دېدى: بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار چوقۇم باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىمى، سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «مەن ۋەتەنگە نېفىت تەقدىم قىلىمەن» دەيدىغان ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشى، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ غايە - ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، چېگرا رايوندا كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ياشلىق ناخشىسىنى پۈتۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى كېرەك.

باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنى قايتا - قايتا ئەسلەپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار چەكسىز روھلاندى، ئىشەنچى تولۇپ تاشتى، بوشاشماي ئالغا بېسىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىگە تولدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ۋاڭ لياڭجې مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭدا كۆڭلىمىزنى توختىتىپ، كەمتەر بولۇپ، يىلتىز تارتىپ، ئاساسىي قاتلامدىن ئىبارەت بۇ <بىلەي تاش>تا چېنىقىپ، ۋەتەننىڭ غەربىي قىسمىدا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى