تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

قەتئىي تۈردە ئىمتىھان ئېلىش ۋە قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى پېڭشىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى سىنلىق كۆزىتىش نەق مەيدانىدا مۇنداق تەكىتلىدى

قەتئىي تۈردە ئىمتىھان ئېلىش ۋە قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانى ئىمتىھان ئىشلىرى قوماندانلىق مەركىزىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەھۋالىنى سىنلىق كۆزەتكەندە مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي تۈردە ئىمتىھان ئېلىش ۋە قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى پېڭشىن سىنغا ئۇلاش ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالىنى كۆزەتكەندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتى مۇقىم، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىمتىھاننى تەشكىللەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر پۇختا، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى داۋاملىق چىڭىتىپ، تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ماسكا تاقاش، ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، شاۋقۇننى تۈزەش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق تۈرلۈك كاپالەت خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىخەتەر، ساغلام ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن جەرياننى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ھالقىلارنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش قاتارلىق قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىمتىھان ئادىللىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەشكىللەش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ پۇختا تەرتىپ، ئەڭ قاتتىق ئىنتىزام، ئەڭ ئېسىل ئىستىل بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئادىللىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تەشكىللەپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ تەكلىپ قىلىشنى چىڭىتىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ سەككىز تۈرلۈك ئاساسىي تەلىپى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا «ئالتىگە رۇخسەت قىلماسلىق» «ئوننى قاتتىق چەكلەش» «30نى قىلىشقا يول قويماسلىق» قاتارلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىكى چەكلەش بۇيرۇقلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ قېلىپلاشقان بولۇشى، ئادىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «ئاشكارا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىدا «ئوننى ئاشكارىلاش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، بىرى بايقالسا بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش، ئارزۇ تولدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشەنچلىك ياردەم بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ساختا تەشۋىق قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، پاش قىلىش، قوبۇل قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش، خاتىرجەم قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ ئىمتىھان خىزمىتىنى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى