تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياڭ شۇخەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نازارەت يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلاردىن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش مەبلىغى، ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەييارلىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىدارىلىرى كەلكۈن ئەھۋالىنى كۆزىتىش، كېڭىشىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كېڭىشىش، ھۆكۈم قىلىش ۋە ئاپەتنى كۆزىتىش - ئالدىن سىگنال بېرىشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، سۇچىلىق، تەبىئىي بايلىق، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان توغرا يۆنىلىشلىك كېڭىشىش ۋە ئالاقىدار ناھىيە (شەھەر، رايون)لەر بىلەن بولغان تىك يۆنىلىشلىك كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ يامغۇر ئەھۋالى، سۇ ئەھۋالى، كەلكۈن ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىغا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەتەردىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللىنىشنى ئەسكەرتىشى كېرەك.

ھەرقايسى جايلار نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاش، تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى تورلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، زامانىۋى ۋاسىتىنى ئەنئەنىۋى چارە بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم رايونلارنى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىش ۋە كۈندىلىك خەۋپ - خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. كان قۇدۇقى قېزىپ بولۇنغان رايون، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايون قاتارلىق جايلارنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تاغ جىسىمى سىيرىلىش، گۈمۈرۈلۈش ۋە لاتقا - شېغىللىق ئېقىننىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان گېئولوگىيەلىك چارلاش، نېفىت، تەبىئىي گاز قۇدۇق مەيدانى قاتارلىق جايلارنىڭ بالدۇرراق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنىڭ چاقماق سوقۇشتىن مۇداپىئەلىنىش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش ھەمدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. سۇچىلىق، قاتناش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش مۇھىم قۇرۇلۇشى، تاشيول، تۆمۈريول ۋە كۆۋرۈك ھەمدە ھەر تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارغا بولغان رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىدارىلىرى ئاپەت خەتىرىدىن ساقلىنىش - مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، قانات يايدۇرۇپ، كەلكۈن مەزگىلىدىكى ناچار ھاۋا رايى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بولغان كەلكۈن، سىيرىلىش، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەت خەۋپ - خەتىرىگە قارىتا، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خەتەردىن جىددىي ساقلىنىش، يۆتكەش لايىھەسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۈزۈپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. تۈرلۈك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە پۇللىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتكە ئۇچراش دەرىجىسىگە ئاساسەن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى، بۇيۇملىرىنى تېزدىن يۆتكەپ، مۇھىم نۇقتىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەخسۇس مەبلەغنى مەخسۇس ئىشلىتىش، مەخسۇس بۇيۇمنى مەخسۇس ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ھەرقايسى جايلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا سىستېمىلىق تۈرتكە بولۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ۋاقتىدا تۈزەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى