تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

توڭلاتقۇنى قانداق تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك

    توڭلاتقۇنى كۈندىلىك تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش

    توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش رايونى

    توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش رايونىدىكى نەرسىلەرنى بىكارلىغاندىن كېيىن توكنى ئۈزۈۋېتىپ، ئىچكى يۈزىنى 1000 ~ 2000 mg/L پەسىللىك ئاممونىي تۇزى تۈرىدىكى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىش، تەسىر كۆرسىتىش ۋاقتى 30 مىنۇت بولۇپ، پاكىز سۇ بىلەن سۈرتۈش ياكى %75لىك ئىسپىرت بىلەن ئىككى قېتىم سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. سىرتقى يۈزىنى 500 mg/Lلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىش، تەسىر كۆرسىتىش ۋاقتى 30 مىنۇت بولۇپ، پاكىز سۇ بىلەن سۈرتۈۋېتىش كېرەك.

    توڭلىتىش رايونى

    توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش رايونى ئىچىدىكى نەرسىلەرنى بىكارلىغاندىن كېيىن توكنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۆي تېمپېراتۇرىسىغا قايتۇرۇش كېرەك. توڭلاتقۇ ئىچىدىكى يىغىلىپ قالغان سۇلارنى سۈرتۈپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئىچكى يۈزىنى 1000~2000 mg/L پەسىللىك ئاممونىي تۇزى تۈرىدىكى دېزىنفېكسىيە دورىلىرى بىلەن سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىش، تەسىر كۆرسىتىش ۋاقتى 30 مىنۇت بولۇپ، پاكىز سۇ بىلەن سۈرتۈش ياكى %75لىك ئىسپىرت بىلەن ئىككى قېتىم سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. سىرتقى يۈزىنى 500 mg/Lلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىش، تەسىر كۆرسىتىش ۋاقتى 30 مىنۇت بولۇپ، پاكىز سۇ بىلەن سۈرتۈۋېتىش كېرەك.

     دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئالتە چوڭ ئىشنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك:

    1. توڭلاتقۇنى دېزىنفېكسىيە قىلغاندا، مەھسۇلات ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشىنى ئالدىن كۆرۈپ، دېزىنفېكسىيە قىلىش جەريانىدا توڭلاتقۇنىڭ بۇزۇلۇپ، نورمال ئىشلىتىشكە تەسىر يېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

   2. يېمەكلىكلەرنى يۆتكەش جەريانىدا، قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. پەلەي كىيگەن تەقدىردىمۇ پەلەينى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ۋاقتىدا قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا قولنى يۇيۇپ، گىرەلەشمە بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    3. دېزىنفېكسىيە قىلىش جەريانىدا، دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنىڭ قالدۇقىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

   4. دېزىنفېكسىيە دورىسى بەلگىلىك زەھەرلىك غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، تەييارلىغاندا ۋە ئىشلەتكەندە شەخسىي قوغدىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ ماسكا، شەپكە، پەلەي ۋە خىزمەت كىيىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ بەلگىلىك چىرىتىش خۇسۇسىيىتى بولۇپ، دېزىنفېكسىيە ۋاقتىغا يەتكەندىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن سۈرتۈشكە دىققەت قىلىپ، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

   5. باشقا دېزىنفېكسىيە دورىلىرى بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلغاندا، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئوقۇش لازىم. چۈشەندۈرۈشتە بەلگىلەنگەن ئىشلىتىش دائىرىسى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، تەسىرى، تەسىر قىلىش ۋاقتى بويىچە توغرا ئىشلىتىش كېرەك.

    6. ئىشلەتكەن دېزىنفېكسىيە دورىلىرى چوقۇم كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە بولغان بولۇش، دېزىنفېكسىيە دورىلىرىنى چوقۇم ئۇدۇللۇق تەڭشەپ ئىشلىتىش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى