تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

يەكەن ناھىيەسى: «10 كىچىك دۇكان» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئىشىكىنى ئاچتى

ياشىن تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلار شى جىخۇي، شېن شىڭلياڭ): 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى بەشكەنت بازىرى ساڭبازار كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يېنىدىكى «10 كىچىك دۇكان» ئىشىكى ئالدىدا ئاپتوموبىللار ئۆتۈشۈپ، خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

«لوبەن، ئىككى بوتۇلكا ئىچىملىك، بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇ قانچە پۇل؟». «جەمئىي 8 يۈەن» دېدى دۇكاننىڭ لوبىنى پاشا سەمەت كۈلۈپ تۇرۇپ.

بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن پاشا 2014-يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، ئېرى تۇرسۇننىياز ئەمەتنىڭ يۈرەك كېسىلى بار بولۇپ، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنالمايدۇ، بەزىدە يەنە خوتۇنىنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا موھتاج بولىدۇ.

قىسمەن نامرات ئاھالىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2019-يىلى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن، «10 كىچىك دۇكان» قۇرۇلۇشى تۈرى يولغا قويۇلدى، بۇ تۈرگە جەمئىي 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 300 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، كەنتىمىزدىكى 10 نامرات ئاھالە <10 كىچىك دۇكان>دا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇ ئىش ھەم خىزمەتنى، ئائىلىنى تەڭپۇڭلاشتۇردى، ھەم كىرىمىنى ئاشۇردى» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى پەن خەي.

«بىر ئايلىق كىرىمىمىز تەخمىنەن 1500 يۈەن، بۇ پۇل بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا يېتىدۇ». دۇكان باشقۇرغاندىن باشقا، پاشا يەنە بەش مو يەر تېرىدى، 30 توخۇ باقتى، «خىزمەت بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتمەيدۇ، مەن ھازىر بارغانسېرى تىرىشىپ ئىشلەۋاتىمەن» دېدى پاشا خۇشال ھالدا.

«10 كىچىك دۇكان» ئىچىدە «لاۋنوڭگې يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىش دۇكىنى» دېگەن ۋىۋىسكا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، ئىچىگە ئاممۇنىي دى فوسفات، ئورىيا، بىرىكمە ئوغۇت ۋە سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى رەتلىك تىزىلغان ئىدى. «ئىلگىرى مەن ئاشخانىدا ئىشلەيتتىم، بىر ئايلىق كىرىمىم 1000 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى، ھازىر <10 كىچىك دۇكان> تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن، بىر ئايلىق كىرىمىم 3000 يۈەن» دېدى 31 ياشلىق پاتىمە ئابدۇكېرىم خۇشال ھالدا.

بىر قىسىم «10 كىچىك دۇكان»دىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ مەبلەغ كەمچىل بولۇشتەك قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كېڭىشىپ، قىيىنچىلىقى بار ھەربىر نامرات ئاھالىگە 5000 يۈەندىن پۇل تارقىتىپ، دۇكاننى بېزەش، مال كىرگۈزۈش تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى ھەل قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، «10 كىچىك دۇكان» ئىچىدىكى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكىنى، كۈندىلىك بۇيۇملار دۇكىنى، بالىلار ئويۇنچۇقى سېتىش دۇكىنى، ناشتىلىق دۇكىنى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى سېتىش دۇكىنى ساڭبازار كەنتىدىكى چوڭ تىپتىكى مال سېتىۋېلىش مەركىزىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى بۇ يەرگە كېلىپ ئىستېمال قىلىشقا جەلپ قىلدى، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى