تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ  ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31 بولىدۇ

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، سەھەردە بىر بوۋاي بەدەن چېنىقتۇرماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ شىنجۈن، پراكتىكانت ما زىچيۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): بۈگۈن، شىمالىي شىنجاڭدىكى قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، باشقا رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق ياكى بولۇتلۇق بولۇپ، كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35تىن تۆۋەن بولىدۇ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك؛ شەرقىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ھاۋا ئوچۇق، بولۇپمۇ شەرقىي شىنجاڭدا تومۇز ئىسسىق كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ھاۋا قۇرغاق، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ كېيىن بۇلۇتلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20 بولۇپ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، سەھەردە بىر بوۋاي بەدەن چېنىقتۇرماقتا.

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرماقتا.

  بۈگۈن G312 ،G30 لىنىيەسىنىڭ تۇرپاندىن پىچانغىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ شياۋساۋخۇدىن توقسۇنغىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ 31-تۇەندىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى قاتارلىق لىنىيەلەرنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37تىن يۇقىرى بولىدۇ، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃40تىن يۇقىرى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى