تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تۇرپان شەھىرى يالقۇنتاغ فۇمىنئەنجۈ ئولتۇراق رايونىدا ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ھېكايىلىرى كۆپ

  نۇر گېزىتى خەۋىرى: ۋېن شيۇلەننى تەتىلگە قويۇپ بەردى، ئۇ ئۆيىگە قايتماي، ئۆزىنىڭ ئۆيى تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوندىكى ئەركىن تاغىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئەركىن تاغىنىڭ بالىلىرىغا دەرس تەكرار قىلىپ بەردى. بۇ ئىشىنى تىلغا ئالغان ۋېن شيۇلەن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەركىن تاغام بىزگە ناھايىتى كۆپ ياردەملەرنى قىلدى، ئۇ دائىم بىزگە <ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغ، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق> دەيدۇ. ھازىر قىلالايدىغىنىم تاغامنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش جەھەتتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىشتۇر».

  ۋېن شيۇلەننىڭ سۆزلىرىدىن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مۇنداق بىر ھېكايە ئايان بولىدۇ: ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ۋېن شيۇلەننىڭ دادىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئۆيدە پۇل بولمىغاچقا داۋالىتىشقا ئامالسىز قالدى، ئۆيىدە يەنە ئىككى بالا ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، بارلىق بېسىم ئۇنىڭ ئاپىسى ۋۇ خۇاچيۇڭنىڭ زىممىسىگە چۈشتى. ئەركىن بۇنى بىلگەندىن كېيىن، ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى، يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بەردى، ۋۇ خۇاچيۇڭنىڭ ئاشخانىدىن ئىش تېپىشىغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە خۇشاللىق بېغىشلىدى.

  ۋېن شيۇلەن تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوننىڭ ئىسمى تۇرپان شەھىرى يالقۇنتاغ فۇمىنئەنجۈ ئولتۇراق رايونى بولۇپ، بەش يىل ئىلگىرى بۇ يەر بىر پارچە قاقاسلىق ئىدى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، تۇجيا، موڭغۇل، قازاق قاتارلىق كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان ئولتۇراق رايون بولۇپ قالدى، تەۋەلىكتىكى ھەرقايسى مىللەتلەر تۇرپان شەھىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان يېزا-بازارلىرىدىن كەلگەن، ئۆزئارا گىرەلىشىپ ئولتۇراقلىشىش بۇ يەردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ «قەلىبداشلار چەمبىرىكى»نى كۆڭۈل قويۇپ ئورتاق قۇرۇشىغا، گۈزەل جەمئىيەتنى ئورتاق قۇرۇشىغا ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بەردى.

  مەھەللىدىكى ئەركىنگە ئوخشاش ئاھالىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى ۋە ياردىمىدە، ۋۇ خۇاچيۇڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ۋېن شيۇلەنمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئەترىتىگە قوشۇلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەركىن تاغام بىلەن مەھەللىدىكى تاغا-ھاممىلار بىزنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈشىمىزگە ياردەم بەردى، بىز بۇنى قەلبىمىزدە ساقلايمىز، بۇ ماڭا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلدۇردى».

  2016-يىلى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئاھالە شۈ جاۋلەن 81 ياشلىق يارتا پالەچ بولۇپ قالغان ئېرىغا قاراۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ چۈشتى. دەل شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مەھەللە كادىرلىرى ئۆيگە زىيارەت قىلىغىلى كەلگەندە، ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى، يېرىم كۈندىن بېرى بىر نەرسە يېمىگەنلىكىنى بىلدى. مەھەللە كادىرلىرى بۇ ئىككى ياشانغان كىشىنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى. شۈ جاۋلەننىڭ ئوڭ پۇتى سۇنغان بولۇپ، ئۈچ ئاي قوپماي يېتىشىغا توغرا كېلەتتى، بىراق ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئوغلى قارامايدا خىزمەت قىلغاچقا، قايتىپ كېلىپ بۇ ئىككىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئامالسىز ئىدى.

  مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك ئەترىتى تەشكىللەپ، ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالدى. مەھەللىنىڭ ئەتراپىدىكى سەيۋەيشياڭ لازىجىخانىسىنى ئاچقان خۇيزۇ يىگىت ما لىن ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشكە ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن قاتنىشىپ، ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تامىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ تامىقىنى ياخشىلاپ، پولۇ، لەغمەن، سۇيۇقئاش قاتارلىق تاماقلارنى ۋاقتىدا ئۆيگە يەتكۈزۈپ بەردى، شۇ يەتكۈزگەنچە ئۈچ ئايدىن ئارتۇق تاماق يەتكۈزدى. مەھەللە ئۇنىڭغا پۇل بېرىشنى ئېيتقاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «پۇلنىڭ گىپىنى قىلىشمايلى، بۇنى مەن ئۆزۈم خالاپ قىلدىم. باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياردەم قىلىشىم كېرەك، كېيىنمۇ مەن يەنىلا شۇنداق قىلىمەن».

  قارامايدا تۇرۇۋاتقان چېن دېيۇەن بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، قارامايدىكى يۇقىرى مائاشلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، خوتۇنى بىلەن بالىسىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن چېن دېيۇن مەھەللىنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىسىگە قېتىلدى، كىمنىڭ ئۆيىدە سۇ ئېقىپ قالسا، كىمنىڭ ئۆيىنىڭ چىرىغى بۇزۇلۇپ قالسا، ياشانغانلار سىرتقا چىقىشتا قىينالسا، چېن دېيۇەن ياردىمىنى ئايىمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەھەللىدىكى قېرىنداشلارنىڭ شەپقىتىنى ھەسسىلەپ قايتۇرىمەن، ئولتۇراق رايوندىكى ئاممىغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەمدە بولىمەن، بىز مەڭگۈ ئايرىلمايدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى».

  مەھەللىدە يۈز بەرگەن مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن تەسىرلىك ھېكايىلەر بارلىققا كېلىپ، مەھەللىدە ياشاۋاتقان ھەر بىرەيلەننى تەسىرلەندۈردى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىر-بىرلەپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسىگە قوشۇلۇپ، بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە ئويناپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم قىلىپ، چىن ھېسسىيات بىلەن مۇئامىلىدە بولۇپ، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلغارى، ھەممە ئائىلە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى بولۇشقا ئىنتىلىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 2016-يىلى، يالقۇنتاغ مەھەللىسى «ئىدىقۇت رايونى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» بولۇپ باھالاندى، 2017-يىلى «تۇرپان شەھىرى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» بولۇپ باھالاندى، 2018-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» بولۇپ باھالاندى، 2019-يىلى «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.(ۋاڭ سې فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى