تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يازدا سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى راستىنلا تۆۋەنلەتكىلى بولامدۇ

   يازدا چوڭ كوچىدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى ھورداققا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز، بۇ چاغدا «ئالدىمغا بىر بوتۇلكا مۇزلىتىلغان ئىچىملىك ياكى ماروژنى كەلسە قانچىلىك ياخشى بولاتتى» دەپ ئويلايسىز. ئۇنداقتا مۇزلىتىلغان ئىچىملىك راستتىنلا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتەلەمدۇ؟

    بىز سوغۇق ئىچىملىكنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال سالقىندىغاندەك ھېس قىلىمىز، لېكىن بۇ خىل سالقىنلىق پەقەت مۇز سۈيى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئېغىز بوشلۇقىمىزنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىلا بولۇپ، بەدەننىڭ باشقا جايلىرىدا روشەن تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى بولمايدۇ، شۇڭا سوغۇق ئىچىملىك بەدەندىكى «ئىسسىقلىق»نى بىۋاسىتە تۆۋەنلىتەلمەيدۇ. ئەكسىچە، سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندىن كېيىن ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئايلىنىش سۈرئىتى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، بۇ بەدەندىكى تەرنىڭ پارلىنىشىغا پايدىسىز.

    سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندە، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەگەر مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىنمىسا، ئەكسىچە بەدەنگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى ئادەم تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق جانلىق بولغاچقا، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 37 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. سوغۇق ئىچىملىك ئېغىز بوشلۇقى، قىزىلۆڭگەچ ئارقىلىق بەدەنگە كىرگەندە، قىل قان تومۇرلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى جىددىي تۆۋەنلەيدۇ، بولۇپمۇ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى قىل قان تومۇرلار جىددىي تارىيىپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بەزى كىشىلەردە ياز پەسلىدە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، ھەتتا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ دەل مۇزلىتىلغان ئىچىملىك ئىچىشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتتۇر. شۇڭا، سوغۇق ئىچىملىك گەرچە تەملىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا زىيادە بېرىلمەسلىك كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى